باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

جاپاكەش دادام

ئامىنىگۈل ھەسەن

      دادام 45 ياشلار چاممىسىدىكى ئاددىي – ساددا، تەلەپچان، كۆيۈمچان ئادەم. ئۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. ناھەق ئىشلارنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدۇ. شۇڭا، مەھەللىمىزدە كىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا دادامنى ئىزدەپ كېلىدۇ.

       دادام ھەر كۈنى جاپالىق ئېتىز ئەمگىكى قىلسىمۇ كەچتە ئۆيگە ئىنتايىن روھلۇق قايتىپ كېلىدۇ. ئۇ يۈز – قوللىرىنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ تاپشۇرۇق دەپتەرلىرىمىزنى تەكشۈرىدۇ. تولۇق نومۇرنى كۆرگەندە بېشىمىزنى سىيلاپ تۇرۇپ: ‹‹بارىكاللا، بالىلىرىم، تېخىمۇ تىرىشىڭلار، ھەرگىز مەندەك قارا قورساق ئادەم بولۇپ قالماڭلار›› دەيدۇ.

      يازلىق تەتىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى دادام قاتتىق ئاغرىپ قالدى. سىڭلىم ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ ئېتىزغا چىقىپ مايسىلارنى ئوتىماقچى بولدۇق. ئىككىمىز پىلان بويىچە تاڭ سەھەردىلا يېمەك – ئىچمەكلىرىمىزنى تەييارلاپ ئېتىزغا چىقتۇق. بىر سائەت ئىشلىمەيلا بەللىرىمىز ئاغرىپ، پۇت – قوللىرىمىز تېلىشقا باشلىدى. كۈچلۈك ئاپتاپ بىزنى كۆيدۈرۈپ ھالسىزلاندۇرۇۋەتتى. چۈش بولمايلا ھېرىپ ھالىمىزدىن كەتتۇق. كەچ كىرگۈچە تولا دەم ئېلىپ ئىشلىرىمىز پەقەت ئاۋۇمىدى. كۆز ئالدىمغا جاپاكەش دادامنىڭ ئېتىز ئەمگىكى قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشى كەلدى. ‹‹ھەي، ئەسلىدە ئېتىز ئىشى ناھايىتى جاپالىق ئىكەن. بىچارە دادام بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدى. ئۇ نېمىدېگەن قەيسەر – ھە!›› دېگەنلەرنى ئويلىدىم.

      كەچتە ماغدۇرسىز پۇتلىرىمىزنى تەستە سۆرەپ ئۆيگە كەلدۇق. دادام ئۆيدە ياتقانىكەن. سىڭلىم ئىككىمىز دادامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ‹‹دادا، بۈگۈن ئەمگەكنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق. سىز بىزنى بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا تارتىپسىز. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئارام ئېلىڭ. بىز چامىمىز يەتكەن ئىشلارنى ئۆزىمىز قىلىمىز. سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز بىزنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىمىز›› دېدۇق. دادام مېھىر بىلەن پېشانىمىزگە سۆيۈپ: ‹‹سىلەر چوڭ بوپسىلەر، ئېسىڭلاردا بولسۇن، ئەجىرنىڭ تېگى ئالتۇن. ئەمگەكچان ئادەم بولۇڭلار!›› دېدى.

(ئاپتور يوپۇرغا ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

يېتەكچى: روزىمۇھەممەت تۇردى

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر