باش بەت | بايراق چىقىرىش مۇراسىمى نۇتقى

مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىنىۋالايلى

      كۆپچىلىككە ھېكايە سۆزلەپ بېرەي. ئىككى يېقىن دوست قۇملۇقتا بىللە سەپەر قىپتۇ. سەپەردە ئۇلار ئۇرۇشۇپ قاپتۇ. AB نى بىر شاپىلاق ئۇرۇپتۇ. B ئىنتايىن ئازابلىنىپ، قۇمغا «بۈگۈن دوستۇم مېنى بىر شاپىلاق ئۇردى» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. ئۇلار يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ئۇلار مېڭىپ بىر سازلىققا كەپتۇ. B ئېھتىياتسىزلىقتىن سازلىققا پېتىپ قاپتۇ. A خەتەرگە قارىماستىن Bنى قۇتقۇزۇپتۇ. B خەتەردىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بىر تاشقا ‹‹بۈگۈن دوستۇم مېنى قۇتقۇزۇۋالدى›› دەپ ئويۇپ قويۇپتۇ. A ھەيران بولۇپ B دىن: ‹‹نېمىشقا سېنى ئۇرغاندا قۇمغا خەت يېزىپ، قۇتقۇزۇۋالغاندا تاشقا خەت ئويۇپ قويىسەن؟›› دەپ سوراپتۇ. B كۈلۈپ: ‹‹باشقىلار مېنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندا ياكى ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغاندا ئاسان ئۆچۈپ كېتىدىغان يەرگە يېزىپ قويىمەن، شامال كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە مەسئۇل بولىدۇ؛ باشقىلار ماڭا ياخشىلىق قىلغاندا ياكى ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغاندا ئۆچۈپ كەتمەيدىغان يەرگە يېزىپ قويىمەن، بوران چىقىپ، يامغۇر ياغسىمۇ ئۇ ئۆچۈپ كەتمەيدۇ›› دەپتۇ.

      دائىم مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا بولساق مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان دۇنيادا ياشىيالايمىز. بىر شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن: سىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان كىشىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇ سىزنى تەربىيەلەپ ئۆستۈردى؛ سىزگە غەمخورلۇق قىلغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇ سىزگە ئىللىقلىقنى ھېس قىلدۇردى؛ سىزنى تەربىيەلىگەن كىشىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇ زېھنىڭىزنى ئاچتى؛ سىزگە ئازار بەرگەن كىشىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇ ئىرادىڭىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى؛ سىزنى كەمسىتكەن كىشىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، چۈنكى ئۇ سىزنى تېخىمۇ غورۇرلۇق قىلدى.

      ساۋاقداشلار، بىز بۇ بىر يىلدا بىزگە ياردەم بەرگەن ۋە مېھىر – مۇھەببەت ئاتا قىلغان ھەربىر كىشىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرەيلى، يېڭى يىلدا بۇ مېھىر – مۇھەببەتنى ھەممە يەرگە تارقىتايلى.

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر