باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئۇستازغا مەدھىيە

پەزىلەت ھېيتجان

      ھۆرمەتلىك ئۇستاز، سىز ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى، ئىنسانىيەت مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزگۈچى. سىزدە ئۆزىنى ئاتاش روھى، ئالتۇندەك چاقناپ تۇرغان پاك قەلب بار. سىز يۇمران نوتىلارنىڭ قەلبىنى سۇغىرىپ، ئۇلارغا قانداق ئادەم بولۇشنى، ئۆز قەدىر – قىممىتى بىلەن ياشاشنى ئۆگىتىسىز. بىز مەغلۇپ بولغاندا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى كۆرسىتىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا غەلبىمىز ۋە خۇشاللىقىمىزغا جور بولىسىز، ئازراق نەتىجىگە ئېرىشىپ مەغرۇرلانغان چېغىمىزدا بىزنى سەگىتىپ تېخىمۇ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيسىز.

      مېھرىبان ئۇستاز، سىزنىڭ بىزگە قىلغان تەربىيەلىرىڭىز ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلايدۇ. سىزنىڭ: ‹‹بالىلىرىم، تەقدىرىڭلار ئۆز قولۇڭلاردا، تەقدىرىڭلارنىڭ پارلاق بولۇشى ياكى خارابلىشىشى ئۆزۈڭلارغا باغلىق، ياش ۋاقتىدا ئۆگەنگەن بىلىم تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، قېرىغاندا ئۆگەنگەن بىلىم قۇمغا خەت يازغاندەك، شۇڭا زېھنىڭلارنىڭ ئوچۇق، ئۆتكۈر ۋاقتىدا تىرىشىپ ئۆگىنىڭلار!›› دېگەن سۆزلىرىڭىز مەڭگۈ يادىمدىن چىقمايدۇ.

      قەدىرلىك ئۇستاز، ئېيتقان ھەربىر سۆزىڭىز قەلب تارىمىزنى چېكىدۇ. سىز ھەقىقەتنى ياقىلايسىز، روھى گادايلارنىڭ جاراھىتىنى داۋالايسىز. سىز كىتابلاردا يېزىلغاندەك، تىللاردا داستان قىلىنغاندەك مىننەتسىز تەر تۆككۈچى، شۇڭا سىزگە بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

      ئېھ، جاپاكەش ئۇستاز، سىز بىز غۇنچىلارنى تەربىيەلەش يولىدا كۆپ جاپا چەكتىڭىز، چېكىڭىزدىكى ئاق چاچلار، پېشانىڭىزىدىكى يول – يول قورۇقلار بۇنىڭ شاھىدى. سىز بولغاچقا بىز گۈزەل مەكتەپ قوينىدا كەلگۈسى نىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ بىلىم ئېلىۋاتىمىز، ئەجرىڭىزنى ئاقلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرۇۋاتىمىز.

(ئاپتور ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسى يولچىلار ئوتتۇرا مەكتىپى 9 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر