باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سېۋەتچىلىك سەنئىتى

      ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپ ھايات كۆچۈرۈش جەريانىدا چارۋىچىلىق، دېھقانچلىق ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسىپلىرى بىلەن شوغۇللىنىپ، ياغاچ، تاش، سۆڭەك ۋە ھەرخىل مېتاللاردىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك قورال ـ ياراق، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى، شۇنداقلا، خېلى بۇرۇنلا ھايۋانلارنىڭ يۇڭى، كەندىر، زىغىر پاخىلى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ رەخت توقۇپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى، ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلىنىپ ھەر تۈرلۈك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساشنى ئۆگىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تېگىشلىك تۆھپىلەرنى قوشقان.

      جۈملىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ سېۋەتچىلىك سەنئىتىمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، قەدىمقى زامانلاردىن بۇيان ئۇلار يۇلغۇن، تال ــ توغراق ۋە سۆگەت قاتارلىق غولى بىر قەدەر ئەۋرىشىم بولغان دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرى (ئۇششاق غوللىرى)دىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل سېۋەتلەرنى توقۇپ تۇرمۇشتا ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇلار توقۇپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان سېۋەتلەرنىڭ تۈرى كۆپ بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

      1. توغرا سېۋەت. بۇ خىل سېۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا چوڭ ـ كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى توغرىسىغا ئۇزۇنچاق، قاپ ئوتتۇرىسىغا سۆگەت بادىرسىدىن قىلىنغان يايى شەكىللىك باغ بېكىتىلگەن بولىدۇ، ئۇ چوڭ ــ كىچىك قىلىپ توقۇلىدىغان بولۇپ، ئوت ــ چۆپ ۋە باشقا نەرسە ــ كېرەكلەرنى كۆتۈرۈپ مېڭىشقا ئەپلىك كېلىدۇ، كىچىكلىرى ئۆرۈك سېۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

      2. ئاياقلىق سېۋەت. بۇ خىل سېۋەت ئاساسلىقى يۇلغۇن چىۋىقىدا يۇمىلاق شەكىلدە توقۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى ھايۋانلارغا ئوت-چۆپ ۋە يەم ـ خەشەك (ھەلەپ) بېرىش قاتارلىق ئىشلاردا پايدىلىنىشقا بەكمۇ باپ كېلىدۇ.

      3. قاپقاقلىق سېۋەت. بۇ خىلدىكى سېۋەت ئاساسلىقى تال ـ توغراق چىۋىقىدا يۇمىلاق شەكىلدە، چىۋىن قاتارلىق زىيانداش ھاشاراتلار كىرەلمىگىدەك قېلىن توقۇلۇپ، قاپ ئوتتۇرىسىغا ھىم كەلگىدەك تۇۋاق قىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئۆرىشىدىن تۇتىدىغان باغ چىقىرىلىدۇ. بۇنى ئەجداتلىرىمىز نان، گۆش ـ ياغ قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ساقلاشتا پايدىلانغان.

      4. قوشۇقلۇق سېۋەت. بۇ ئىنتايىن ئەۋرىشىم ھەم ئۇششاق تال ــ توغراق چىۋىقدا توقۇلىدىغان سۈپىتى ئۆزگىچە سېۋەت بولۇپ، شەكلى يۇمىلاق، ھەجىمى كىچىكرەك، ئۆزىنىڭ ئۆرىشىدىن باغ چىقىرىپ توقۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن ئاتا ــ بوۋىلىرىمىز تاماق يېيىشتە پايدىلىنىدىغان قوشۇق قاتارلىق ئاشخانا سايمانلىرىنى ساقلاشتا پايدىلانغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇ «قوشۇقلۇق» سېۋەت دەپ ئاتىلىپ كەلگەن.

      5. تەۋەڭ. بۇ خىلدىكى سېۋەت يۇلغۇن، تال-توغراق، سۆگەت قاتارلىق دەرەخلەرنىڭ چىۋىقلىرىدا توقۇلىدىغان بولۇپ، شەكلى تۈز ھەم چوڭ لىگەنگە ئوخشاش توقۇلىدۇ. ئۇنى ئاساسلىقى ناۋايلار تونۇر بېشىدا نان قويۇپ ساقلاش، بازارلاردا قولى ياكى بېشىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ نان سېتىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىپ كەلگەن.

      6. سۈكەن. بۇ خىلدىكى سېۋەت بىر نەچچە تال ئۇزۇنلىقى 70-80 سانتىمېتىر كېلىدىغان سۆگەت بادىرىسىنى ئۆرۈش قىلىپ، يۇلغۇن ياكى سۆگەت چىۋىقىدا ئاستى تارراق، ئۈستى كەڭرەك تراپپىسىيە شەكلىدە توقۇلىدىغان يەنە بىر خىل سىۋەت بولۇپ، ئەجداتلىرىمىز بۇنى ئاساسلىقى ئېشەكلەرگە بىر جۈپتىن قىلىپ ئارتىپ، مىۋە-چېۋە قاچىلاپ يۆتكەشتە ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەپسۇس، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە قاتناش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە مىۋە ــ چېۋە قاچىلايدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى نەتىجىسىدە بۇ خىل سېۋەت ئۆز رولىنى يوقاتتى.

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى تەھرىر: ئىلمىنۇر