باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

زىراپە دۇنيادىكى ئەڭ...

      زىراپە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا ياشايدۇ. كەڭ قۇرغاق يايلاقلاردا ۋە يېرىم قۇملۇق رايونلاردا توپلىشىپ پائالىيەت قىلىدۇ. ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز ھايۋان بولۇپلا قالماستىن بەلكى دۇنيا بويىچە ئەتىۋارلىق ھايۋانلارنىڭ بىرى.

      يېتىلگەن ئەركەك زىراپىنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە بەش مېتىردىن ئاشىدۇ. بەزى ئالاھىدە چوڭ ئەركەك زىراپىلەرنىڭ بويى ئالتە مېتىرغا يېتىدۇ.

      زىراپىنىڭ بوينى نېمىشقا شۇنچىلا ئۇزۇن بولىدۇ؟ ئەمەلىيەتتە زىراپىنىڭ ئۆزگىچە بەدەن شەكلى ئۇلارنىڭ ھاياتلىق رىقابىتى ۋە مۇھىتقا ماسلىشىش كۈرىشىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

      بەزى ئالىملار ‹‹تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق چېكىنىشتىن ساقلىنىش›› نەزەرىيىسى ئارقىلىق زىراپىنىڭ ئېگىز بولۇشىدىكى سەۋەبنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن: زىراپىنىڭ ئەجدادى ئوت – چۆپسىز يېرىم قۇملۇق رايونلاردا ياشىغان بولغاچقا ھاياتلىق ئۈچۈن بوينىنى تازا سوزۇپ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يېيىشكە مەجبۇر بولغان. نۇرغۇن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن زىراپىنىڭ بوينى بارغانسېرى ئۇزىراپ ئاخىر بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلگەن.

       يەنە بەزى ئالىملار زىراپىنىڭ ئېگىز بولۇشىنى تەبىئىي شاللىنىش نۇقتىئىنەزىرى بويىچە مۇنداق چۈشەندۈرگەن: زىراپىنىڭ ئەجدادلىرى پۈتۈنلەي ئېگىز بويمۇ ئەمەس، ئۇلارنىڭ بوينىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقىدا مۇئەييەن پەرق مەۋجۈت. زىراپىلەر ئاپەتكە ئۇچرىغاندا بوينى ئۇزۇنلىرى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنى يەپ ھايات قالغان. بوينى قىسقىلىرى بولسا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن. تەبىئەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت شاللىشى نەتىجىسىدە بوينى ئۇزۇن زىراپىلەر ئەۋلادمۇئەۋلاد ياشاپ بۈگۈنگىچە كەلگەن. قىسقىسى، بۇلارنىڭ ھەممىسى تەبىئىي مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانىدۇر.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر