باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

ئاچچىق يېمەكلىك يېگەندە ئاسان قارا باسىدۇ

      ئادەتتە بەزى كىچىك ئىشلار ئۇيقۇمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، كېچىچە قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا قايسى ئىشلار قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

      1. پۇراق. بەزىلەر ئۇخلاۋاتقاندا تۈرلۈك پۇراقلارنىڭ تەسىرىدىن ئويغىنىپ كېتىدۇ. ناۋادا ئويغىنىپ كەتمىگەندە مەززىلىك پۇراق شېرىن چۈش كۆرۈشكە سەۋەب بولسا، ئاچچىق، سېسىق پۇراقلار قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      2. ئاۋاز. تۈرلۈك ئاۋازلارمۇ ئۇيقۇنى بۇزىدۇ ناۋادا بۇ ئاۋازلار قۇلاققا كىرىپ تۇرسىمۇ داۋاملىق ئۇخلاۋەرگەندە، قارا بېسىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

      3. ئاچچىق يېمەكلىك. ئاچچىق يېمەكلىكلەر ھەزىم قىلىشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئۇيقۇ سۈپىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەتتا قارا بېسىشنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئۇخلاشتىن ئىككى سائەت ئىلگىرى ئاچچىق نەرسە يېمەسلىك كېرەك.

      4. دۈم يېتىش. دۈم ياتقاندا بەدەن يېتەرلىك ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەي، چوڭ مېڭە سىزىمنى يوقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەدەن سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ قارا باسىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى›› دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي