باش بەت | چولپانلار

بىكھامنىڭ ئامېرىكىدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتى

      لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسى 2011 – يىللىق ئامېرىكا پۇتبول كەسپىي ئىتتىپاق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، بىكھام ئامېرىكىدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. بىكھام لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ، ئامېرىكا كەسپىي ئىتتىپاق بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن بېرى، ئۇ توغرىسىدا تالاش – تارتىش ئۈزۈلمىگەن. بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئامېرىكىدىكى پۇتبولچىلىق مۇساپىسىنى ناھايىتى نەتىجىلىك تاماملىدى.

      بىكھام 2007 – يىلى 1 – ئايدا لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسىغا قۇشۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى يۆتكىلىش ھەققى 250 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، توختام مۇددىتى بەش يىل ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىكھامنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 6 مىليون 500 مىڭ دوللار بولۇپ، قالغانلىرى ئۇنىڭ سودا، ئېلان كىرىمىدىن كېلەتتى.

      2007 – يىلى 7 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئۇ سامانيولى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشقان. 7 – ئاينىڭ 21 – كۈنى تۇنجى قېتىم كوماندا تەركىۋىدە چىلسىي كوماندىسى بىلەن بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە زاپاس ئەزا بولۇپ چىققان. ئىتتپاق بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە رەسمىي مۇسابىقىگە 8 – ئايدا قاتناشقان.

      شۇ يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى كوماندىغا ۋاكالىتەن جەنۇبىي ئامېرىكا دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق ئەزا ۋە كوماندا باشلىقى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان. بۇ مۇسابىقىدە ئۇ چىرايلىق بىر ئىختىيارىي توپنى كىرگۈزۈپ، سامانيولى كوماندىسىدىكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزگەن، ھەمدە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملىشىپ كوماندىنىڭ 2 : 0 نەتىجە بىلەن رەقىبىنى يېڭىشىقا تۆھپە قوشقان.

      بۇ بەش يىل جەريانىدا بىكھام لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 74 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 11 توپ كىرگۈزگەن. كوماندىغا قوشۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا، يەنى 2007 –، 2008 – يىللىرى نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغان. ئۇنىڭ كوماندىسى غەربىي رايوندا ئۇدا ئىككى يىل ئارقىدىن سانىغاندا 2 – ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. بىراق بىكھامنىڭ ياردىمىدە لوس ئانجىلىس كوماندىسى 2009 –، 2010 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئۇدا ئۈچ يىل غەربىي رايوننىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن.

      بۇ پەسىللىك بىرلەشمە مۇسابىقە بىكھامنىڭ سامانيولى كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭمۇ ئاخىرىقى يىلى ھېسابلىنىتتى. شۇڭا بۇ يىل ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، مۇسابىقىلەردە تېخى بۇلۇڭ توپ تېپىپمۇ توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسى بۇ يىلمۇ غەربىي رايوننىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.

      پەسىل ئاخىرىدا ئۇ كوماندىنى يېتىكلەپ، ھىنىرى باشچىلىقىدىكى نىيۇيورىك قىزىل كالا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن خان جەمەتى تۇز شەھىرى كوماندىسىنى 1:3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، كوماندىنىڭ كونا ئەنتىنى ئالدى. ئەڭ ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، سامانيولى كوماندىسى بىلەن بىرلىكتە، خىيۇستۇن دىنامو كوماندىسىنى 1 : 0 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ، كەسپىي ئىتتىپاقنىڭ چېمپىيونلىقىغا ئېرىشتى. ھەمدە ئامېرىكىدىكى كەسپىي ھاياتىنى خۇشاللىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئارزۇسىغا يەتتى.

      لوس ئانجىلىس سامانيولى كوماندىسىدىكى مەزگىلىدە، ئۇنىڭ سەپداشلىرى ۋە مەستانىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر مەزگىل جىددىي، كۆڭۈلسىز بولغانلىقتىن 2009 –، 2010 – يىللىق قىشلىق يۆتكىلىشتە، مېلانغا ئىجارىگە بېرىلگەن. ئىككىنچى قېتىملىق ئىجارە مەزگىلىدە ئۇ مېلاندا ئېغىر يارىلىنىپ، يېرىم يىلدىن ئارتۇق داۋالانغاندىن كېيىن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، سامانيولى كوماندىسىغا قايتىپ كەلگەن.

 

مەنبە: شىنجاڭ تەنتەبىيىسى تەھرىر: ئىلمىنۇر