باش بەت | پىسخىكا

بىنانىڭ قەۋەتلىرى ۋە بالىلارنىڭ خاراكتېرى

      چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئېلىپ بارغان بىر خىل تەكشۈرۈش مۇنداق نەتىجە بەردى: كۆپ قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ خاراكتېرى بىر قەدەر ئېغىر، ھەرىكىتى نىسبەتەن ئاستا، كۆپ ھاللاردا تاماشىبىننىڭ رولىنى ئالىدىكەن؛ بىر نەچچە قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ خاراكتېرى جانلىق، ھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈدىغان ھەم ھەرىكىتى چاققان، دائىم ئاكتىپ قاتناشقۇچىنىڭ رولىنى ئالىدىكەن.

      مۇتەخەسسىسلەر ئانالىز قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: كۆپ قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ بىنادىن چۈشمىكى نىسبەتەن جاپالىق، بىنا بەك ئېگىز بولغاچقا، ئۇلار نۇرغۇن ئىشلارغا دېرىزىدىن قاراپ تۇرۇشقىلا مەجبۇر، ھەتتا بىنادىن چۈشۈپ يېقىندىن كۆزىتىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ. شۇڭا، ئۇلاردا تەدرىجىي ھالدا ھەرىكەتنى ياخشى كۆرمەسلىك ئادىتى شەكىللىنىپ قالىدۇ؛ ئەمما بىر نەچچە قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلار بولسا، سىرتتا بىرەر يېڭى ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بايقاپلا قالسا، دەرھال پەسكە چۈشۈپ نەق مەيداننى تەتقىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. نەتىجىدە ئۇلاردا ھەرىكەتنى ياخشى كۆرىدىغان، ھەر قانداق ئىشقا ئاكتىپ قاتنىشىدىغان ئادەم شەكىللىنىدۇ.

      شۇڭا مۇتەخەسسىسلەر ئاتا–ئانىلارغا مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپ قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك كوللېكتىپ تۇرمۇش كەچۈرۈش تەجرىبىسى ئاز بولىدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ۋە باشقىلار بىلەن ئاكتىپ ئالاقىدە بولۇشىغا پايدىسىز، بۇ خىل نەتىجىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا ئاتا – ئانىلار كۆپرەك ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ، بالىلىرىغا كوللېكتىپ تۇرمۇشقا قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

 

مەنبە: بەشتاش تورى تەھرىر: مەۋلان