قىشتا ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشتا ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىدۇ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلغاندا بالىلارنى كۈندە تالاغا ئېلىپ چىققاندىمۇ باشقا مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.
ۋاقىتنى ياخشى كونترول قىلىش: بالىلارنى ئەتىگەن سائەت 7:00 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 گىچە ئارىلىقتا تالاغا ئېلىپ چىقىش كېرەك، بۇ ۋاقىتتا ھاۋا ئىللىق بولۇپ، بوۋاقلارنى تالادا يېرىم سائەت، ئىككى ياشتىن يۇقىرى بالىلارنى ئىككى سائەتتەك ئايلاندۇرسا بولىدۇ.
مۇۋاپىق ئورۇن: بالىلارنى ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتى ياخشى يەرگلەرگە ئېلىپ چىقىش كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ئادەم كۆپ قالايمىقان يەرلەرگە ئاپارماسلىق كېرەك.
چاپان ئېلىۋېلىش: بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن چوقۇم شامالغا دالدا بولىدىغان چاپان ھەمدە شەپكە كىيدۈرۈش كېرەك.
ھاۋارايىنى ئالدىن كۆزىتىش: تۇمان كۈنلەردە ئامال بار بالىنى سىرتقا ئېلىپ چىقماسلىق كېرەك، چوقۇم چىقىش توغرا كەلسە، بالىغا ماسكا تاقاپ، كىيىملىرىنى ھىم كىيدۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن سىرت بالىغا ۋىتامىن D تولۇقلاش كېرەك.