باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

نانقورداق

      ماتېرىيالى: قوي گۆشى، پىياز، نان، شوخلا، يۇمغاقسۈت.

      خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل، شىكەر، جاڭيۇ، پەمىدۇر قىيامى، كاۋاۋىچىن ئۇنى، زىرە، قارامۇچ.

      تەييارلاش ئۇسۇلى: قوي گۆشىنىڭ سۆڭەكلىك قىسمى بىلەن لوك قىسمىدىن ئارلاشتۇرۇپ 1.5كىلوگىرام تەييارلىۋالىمىز، گۆشنى كىۋەر چاناپ، ساپلىققا سۇ ئېسىپ تۇز، كاۋاۋىچىن، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل يالپىقى، بىلەن گۆشنى سېلىپ پىشۇرىۋېلىپ سۈزۈپ ئېلىپ، ساپلىققا ئازراق ماي قۇيۇپ شېكەر سېلىپ چېچەكلىتىپ گۆشنى سېلىپ 2 - 3 قېتىم ئۆرۈپ جاڭيۇ قۇيۇپ، تۇزىنى تېتىپ بىردەم قاينىتىپ، كاۋاۋىچىن، شىلىپ توغرالغان پىياز، يالپاق توغرالغان شوخلىنى سىلىپ قاينىتىپ زىرە، قارىمۇچ سېلىپ، ئاق ناننى 12 پارچە قىلىپ كىسىپ چوڭ تەخسىگە تىزىپ، ئۈستىگە قورۇلغان گۆشنى ئىلىپ يۇمغاقسۈت سىپىپ تەييار قىلساق بولىدۇ. (ناننى سۈيىگە سىلىپ كېيىن ئېلىپ تىزىپ قويساقمۇ بولىدۇ.)

 

مەنبە: ئاشپەز تورى تەھرىر: ئاينۇر