باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

ياراملىق ئادەم

      ئىككى ئاكا – ئۇكا بولۇپ، ئاكىسى پىرافېسسور، ئىنىسى ئادۋوكات ئىكەن. ئادەتتە ئاكا – ئۇكا ئىككىسى ئىككى جايدا تۇرغاچقا، ئانچە كۆپ ئۇچرىشىپ كەتمەيدىكەن. بىر كۈنى ئاكىسى ئىنىسىنى كۆرگىلى بېرىپتۇ. بۇ چاغدا ئىنىسى بىر ھۆججەتنى تۇتقىنىچە خاپا بولۇپ ئولتۇرغانىكەن. ئۇ ئاكىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

      – قارا ئاكا، ئۇلار مەندىن پايدىلىنىپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ئەرز سۇنىمەن! – دەپتۇ.

      ئاكىسى ئىنىسىنىڭ قولىدىكى ھۆججەتنى ئېلىپ قارىسا، ئەسلىدە بۇ پاراۋانلىق ئورنىنىڭ جەمئىيەتتىن ئىئانە توپلاش توغرىسىدىكى ھۆججەت بولۇپ، ھۆججەتنىڭ ئاستىدىكى بۇ پائالىيەتنى باشلىغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىدە ئىنىسىنىڭمۇ ئىسمى بار ئىكەن، بىراق ئىنىسىنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچە خەۋىرى يوق ئىكەن.

      ئۇ ئاچچىقلىنىپ ئولتۇرغان ئىنىسىغا: — ئىنىم، ئانامنىڭ بىزنى ياراملىق ئادەم بولۇشقا قانداق ئىلھاملاندۇرىدىغىنى ھېلىمۇ يادىڭدىمۇ؟ – دەپ سوراپتۇ.

      ــ  ئەلۋەتتە يادىمدا، مەن ئىزچىل ئانامنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلىۋاتىمەنغۇ، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئىنىسى.

      – ياراملىق ئادەم قانداق بولىدۇ؟

     ــ بىلىمى مول، ئەخلاقى دۇرۇس، سالامەتلىكى ياخشى، ئادىل، ھەققانىيلىقنى قوغدىيالايدىغان بولۇش كېرەك، ئەجەبا شۇنداق ئەمەسمۇ؟

     ــ  دېگىنىڭ توغرا، بىراق سەن پەقەت بۇنىڭ بىر تەرىپىنىلا بىلىپ، يەنە بىر تەرىپىنى بىلەلمەپسەن. ياراملىق ئادەم دېگىنىمىز، باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا شەرتى توشىدىغان ھەم شۇنداق سالاھىيىتى بار كىشىلەردۇر، سېنىڭ بۈگۈن باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلانغانلىقىڭنى تەبرىكلەيمەن ئىنىم، بۇ سېنىڭ تىرىشچانلىقىڭنىڭ خېلى نەتىجە بەرگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىنىسى يەنىلا ئاكىسىنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاكىسى ئىنىسىغا:

      – باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن پايدىلىنىشىدىن قورققان ئادەم چوڭ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ – دەپتۇ. ئىنىسى ئاكىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ:

      ــ  ئۇنداقتا مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ – دەپ سوراپتۇ.

      – ئاشۇ پاراۋانلىق ئورنىنىڭ باشلىقىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇنى پۇل ئىئانە قىلىشقا ئىلھاملاندۇر ھەم ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تۈزۈم ئورنىتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى باشقۇرۇپ، بۇ پۇلنى كېرەكلىك ئورۇنغا ئىشلەتكىن، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئاكىسى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: قەلبىنۇر