باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

تارىختىكى ئەخمەقلەر

      1. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا سايلامغا قاتنىشىۋاتقان ياپونىيەلىك بىر سىياسىيون كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاپ قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن سۈيقەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى ياساپ چىقماقچى بولغان ھەم پۇتىغا تىغ ئۇرغان. پىچاق ئۇنىڭ چوڭ تومۇرىنى ئۈزۈۋەتكەچكە سايلام نۇتقى سۆزلەيدىغان كۈنى قانسىراپ ئۆلۈپ كەتكەن.

      2. 1971 – يىلى ئامېرىكا ئارىزونا شىتاتىدا ئوۋغا چىققان بىر ئادەمنىڭ مىلتىقىدىن چىقىپ كەتكەن ئوق ئۆزىنىڭ پۇتىغا تەگكەن. باشقىلارغا قۇتقۇزۇش سىگنالى بەرمەكچى بولۇپ يەنە بىر پاي ئوق چىقارغان. بۇ ئوق ئۇنىڭ ساق قالغان يەنە بىر پۇتىغا تەگكەن.

      3. ئىسپانىيەنىڭ 17 – ئەسىردىكى پادىشاھى فىلىپ قىزىتمىسى يانماي ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ قىزىپ قېلىشىغا ئوچاق ئالدىدا تولىمۇ ئۇزاق ئولتۇرغانلىقى، پادىشاھنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۇشىغا ئۇنىڭ ئورۇندۇقىنى كەينىگىرەك سۈرۈپ بېرىدىغان خىزمەتكارىنىڭ شۇ كۈنى دەم ئالغانلىقى سەۋەب بولغان.

      4. ئامېرىكىنىڭ دىترويت شەھىرىدىكى بىر ئوغرى ئەرمەك ئىتى بىلەن بىر ئۆيگە ئوغرىلىققا كىرگەن. ئەمما ساقچىلار كەلگەندە ئۇ ئىتىنى تاشلاپ بەدەر قاچقان. شۇنداقتىمۇ ئۇ ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. چۈنكى، ساقچىلار ئۇنىڭ ئىتىغا مۇنداق دېگەن: ‹‹ئۆيۈڭگە قايت، ئەزىزىم!››

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر