باش بەت | ئەترەت خىزمىتى

ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ، غايىمىز ئۈچۈنئىلگىرىلەپ، يۇلتۇزمەشئەلنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا نۇر چاچقۇزايلى

پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 5 – قۇرۇلتىيىدا بېرىلگەن خىزمەت دوكلاتى

جېڭىسبېك جۇمابېك

2012 – يىلى 5 – ئاينىڭ 31 – كۈنى

      ۋەكىللەر، يولداشلار، پىيونېرلار:

      ھازىر مەن پىيونېرلار ئەترىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 4 – نۆۋەتلىك خىزمەت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بېرىمەن، قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمەن.

      1. جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئەترەت ئىشلىرى

      بەش يىلدىن بۇيان بىز ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىدىيەۋى روھ جەھەتتە يېتەكلىدۇق. ئۆسمۈر – بالىلارغا پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ تۆھپە، شانلىق نەتىجىلىرىنى، سوتسىيالىستىك ۋەتەننىڭ زور ئۆزگىرىشلىرىنى تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ قەلبىدە پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان چىن ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلدۇق. باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ جۇڭگو پىيونېرلار ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا يازغان تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چوڭ بايرام كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ‹‹تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ ›تۆتتە ياخشى‹ ئۆسمۈرلەردىن بولايلى››، ‹‹ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرايلى››، ‹‹دۆلەت بايرىقىنى بىللە كەشتىلەيلى››، ‹‹پارتىيەنىڭ ئىزىدىن ماڭايلى›› قاتارلىق تېمىلاردىكى ئۆزگىچە، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئاساسىي مېلودىيەنى ياڭراتتۇق. تىپلارنى كەڭ كۆلەمدە تاللاپ، ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر پىيونېر›› خۇتبېك ئاشىن، ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون مۇنەۋۋەر پىدائىي ئەترەت تەربىيەچىسى›› ھەبىبە تاھىر قاتارلىق مۇنەۋۋەر ۋەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پىيونېرلار ۋە ئەترەت خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىنى تىكلەپ، ئەترەتنى چوغدەك قىزىل بايراققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى ئۈزلۈكسىز ئالغا بېسىشقا يېتەكلىدۇق.

      بەش يىلدىن بۇيان بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھېسسىيات تەربىيەسى ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدۇق. ھېسسىيات تەربىيەسىنى ئۆسمۈر – بالىلارغا بولغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى مېنى ئۆستۈردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى›› ئاساسىي تېمىلىق ئەترەت يىغىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ‹‹سەككىز بىر›› ۋە ‹‹مەن سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بېرىپ ساڭزا يەي، سىز مېنىڭ ئۆيۈمگە كېلىپ ئاي توقاچ يەڭ›› قاتارلىق تېمىلاردىكى ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ھېسسىيات تەربىيەسىنىڭ يېڭى ئىدىيەسىنى ھەربىر ئەترەت خىزمەتچىسى ۋە پىيونېرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈردۇق. شىنجاڭدا ‹‹خەنزۇ – ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىڭتۈەن – يەرلىك ئۆزئارا ئۆگىنىش، شەھەر– يېزا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش››، ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشكىللىدۇق، نەتىجىدە پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە تەخمىنەن 100 مىڭ ئۆسمۈر – بالا ھېسسىياتى باغلانغان قوشماقلارغا ئايلاندى، 200 دىن ئارتۇق ئۆسمۈر – بالا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىسى، 130 دىن ئارتۇق چوڭ، ئوتتۇرا ئەترەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ بولۇپ باھالاندى؛ شىنجاڭ سىرتىدا ‹‹ئىچكىرى – شىنجاڭ›› ئۆسمۈر – بالىلىرىنىڭ ‹‹قول تۇتۇشۇش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭدىكى 60 مىڭغا يېقىن ئۆسمۈر – بالا بىلەن شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان 19 ئۆلكە، شەھەردىكى ئۆسمۈر – بالىلار ‹‹قول تۇتۇشقان›› قوشماقلارغا ئايلاندى، تەخمىنەن 5000 نەپەر قول تۇتۇشقان كىچىك دوست شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ، ھېسسىيات ئەمەلىيىتى لاگېرى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ھېسسىيات پائالىيىتى ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلىرى ئارىسىدا دوستلۇق كۆۋرۈكى سېلىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆزئارا چىن قەلبىدىن ئالاقىلىشىشى، ھېسسىيات جەھەتتە سىڭىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەترەت ئىللىق كوللېكتىپقا ئايلىنىپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلىرى بۇ ئىللىق كوللېكتىپتا ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى.

      بەش يىلدىن بۇيان بىز ساپا مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى ئەخلاق ئەمەلىيىتى پائالىيىتى داۋامىدا ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق. ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش يولىدا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئەتراپلىق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردۇق. ئۆسمۈر – بالىلارغا ئەخلاق تەربىيەسى بېرىشنى چۆرىدەپ ‹‹بىر قېتىم ئاتا – ئانىمىزنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويايلى››، ‹‹مەكتەپكە بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەيلى››، ‹‹بىر قېتىم ئۇستازلارنىڭ غولىنى تۇتۇپ قويايلى››، ‹‹بىزگە ياردەم قىلغان كىچىك ئەترىتىمىزگە بىر ئېغىز رەھمىتىمىزنى بىلدۈرەيلى›› دېگەن مەزمۇنلاردىكى مىننەتدارلىق تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردۇق؛ ئۆسمۈر – بالىلارغا ئەقلىي تەربىيە بېرىشنى چۆرىدەپ ‹‹كىچىك بۈركۈت مېدالى›› ئېلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەتنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردۇق؛ روھلاندۇرۇش تەربىيەسىنى چۆرىدەپ ‹‹ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى››، ‹‹ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئامانلىق پائالىيىتى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ياخشىلاپ، ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق؛ ئىستېتىك تەربىيەنى چۆرىدەپ ‹‹قولدا كۆچۈرۈلگەن گېزىت››، ‹‹بالىلار ئاددىي سىزمىسى›› قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلاردا ئىستېتىك سەۋىيە ۋە ئالىيجاناب خىسلەت يېتىلدۈردۇق. ئەترەتنى بۆشۈككە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلىرىنى بۇ بۆشۈكتە شاد – خۇرام، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.

      بەش يىلدىن بۇيان بىز ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى چىڭ تۇتۇپ، ئەترەت خىزمىتى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدۇق. ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 6 ئوبلاست (شەھەر)، 64 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى پىيونېرلار ئەترىتى كومىتېتلىرىدا نۆۋەت ئالماشتۇرۇپ، ئەترەت خىزمىتى مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇردۇق. ئىتتىپاق – ئەترەت بىرگەۋدىلەشكەن قاتلاملىق تەربىيە سىستېمىسىنى ئورنىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاساسىي قاتلام ئەترەت تەشكىلاتى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى قۇرۇلۇشى سىناق نۇقتىلىرىنى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، تەجرىبە ھاسىل قىلىپ خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردۇق. تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەشنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق ئەترەت خىزمىتىنى يەنىمۇ ئۆلچەملەشتۈردۇق، مۇسابىقە ئارقىلىق تەربىيەلەش، يېزىلارغا دەرس يەتكۈزۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق 8000 دىن ئارتۇق تەربىيەچىنى تەربىيەلەپ، تەربىيەچىلەر قوشۇنىنىڭ ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردۇق. ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، ‹‹قىزىل گالستۇكلۇقلار كىتابخانىسى››دىن 174 نى تەسىس قىلىپ، ‹‹ئەترەت خىزمىتىدىكى زۆرۈر ئوقۇشلۇق››، ‹‹يۇلتۇزمەشئەلنى تەڭرىتاغدا نۇر چاچقۇزايلى›› قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلىپ، ‹‹ئەترەتنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر›› قاتارلىق ھۆججەتلەرنى تارقىتىپ ئەترەت خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇردۇق. ئەترەتنىڭ نەزەرىيىۋى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، مائارىپ نازارىتى ۋە ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك پىيونېرلار ئەترىتى كومىتېتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەترەت خىزمىتىگە نىسبەتەن مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە مۇپەتتىشلىك، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئەترەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن نەزەرىيىۋى ئاساس سالدۇق. ئەترەتنى ساغلام قوشۇن قىلىپ قۇرۇپ، ئىتتىپاق ئەترەتنى يېتەكلەشنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق.

      ئۆتكەن بەش يىللىق ئىزدىنىش ۋە كۈرەشتە ئەترەتنىڭ پارلاق مۇساپىسىدە شانلىق سەھىپە يارىتىلدى. بىز شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، نەتىجىلىرىمىز ئاسان قولغا كەلمىدى، تەجرىبىلىرىمىزمۇ ئىنتايىن قىممەتلىك:

      – پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە – ئىتتىپاق – ئەترەتنىڭ ئۇيۇلتاشتەك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە باشتىن – ئاخىر ئېغىشماي، ئىتتىپاق ئەترەتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق بىلەن مائارىپ ھەمكارلىشىپ، ئۆسمۈر – بالىلاردا پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان ساپ ھېسسىياتنى يېتىلدۈرگەندىلا ئەترەت تەشكىلاتى توغرا يۆنىلىشتە ئالغا باسالايدۇ.

      —— ياش – ئۆسمۈرلەرگە بولغان ھېسسىيات تەربىيەسىنى ئۆسمۈر – بالىلارغا بولغان ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئىدىيەسىنى تاۋلىغاندىلا ئەترەت تەشكىلاتى شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.

      —— دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي تېمىسىنى باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، ئۆسمۈر – بالىلار تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى تەلەپنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتكە، تۇرمۇشقا يېقىنلاشقان ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى تېخىمۇ كۆپ تەشكىللەپ ۋە لايىھەلەپ، قاراتمىلىققا ئىگە تەربىيەنى يولغا قويغاندىلا ئەترەت تەشكىلاتى جەلپكارلىقى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتەلەيدۇ.

      —— ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساسنى مۇستەھكەملەشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ يېڭى تەدبىر، يېڭى چارىلىرى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئۇقۇمى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئەترەت خىزمىتىنىڭ تەكشى تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئالغا سۈرگەندىلا ئەترەت تەشكىلاتى مەڭگۈلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

      بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىمىزگە نەزەر سالساق شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئەترەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنىڭ مۇھىم كاپالىتى. بىز شۇ نۇقتىدىن ئۇزۇندىن بۇيان ئۆسمۈر – بالىلار خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن، ئەترەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغان ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمىز! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ تەربىيەچىلەر، ئەترەت خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلىرىغا سەمىمىي سالام يوللايمىز ۋە زور ئۇتۇق تىلەيمىز!

      ۋەكىللەر، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەترەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا خىزمەتلىرىمىزدە نۇرغۇن مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئەترەت خىزمىتىدە رايونلار ئارا تەرەققىيات تەكشىسىز، شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى چوڭ، مەھەللە، يېزا ۋە چەت رايونلاردىكى ئاساسىي قاتلامنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قاتلام خىزمىتى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز، ئايرىم ناھىيە (شەھەر، رايون)لەرنىڭ پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتى ئاپپاراتلىرى مۇكەممەل ئەمەس؛ ئەترەت تەشكىلاتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە ئۆسمۈر – بالىلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش يولى، ۋاسىتىسى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە نۇرغۇن پەرق مەۋجۇت؛ ھەر دەرىجىلىك ئەترەتلەرنىڭ ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئېھتىياجىغا يېقىنلىشىش، ئۆسمۈر – بالىلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش شەكلى، ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىزدە بۇ مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك.

      2. يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا شىنجاڭنىڭ ئەترەت خىزمىتى زىممىسىگە ئالغان يېڭى ۋەزىپىلەر

      شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغۋاز نىشان ئاللىقاچان ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش سىگنالى چېلىنماقتا، گۈزەل ئىستىقبال بىزنى چاقىرماقتا، شىنجاڭنىڭ چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ تەرەققىيات، چوڭ ھالقىما تەرەققىياتىنىڭ كۈچ ئۇلاش كالتىكى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلمەكتە، مۇشۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دەۋر قاينىمىدا ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ زىممىسىدىكى ۋەزىپە ئېغىر ۋە مۈشكۈل.

      شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېتىقادى مۇستەھكەم، ئۇلۇغۋار غايىلىك زاپاس قوشۇنغا موھتاج. بۈگۈنكى پىيونېرلار شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئەتىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان قوشۇنى، ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئىزباسارلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. ئەترەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتىش ۋەتەننىڭ بىرلىكى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ھەر دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئەترەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئاڭلىقلىق بىلەن قوغداپ، ئەخلاق – پەزىلەت ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق بولغان ئىختىساسلىقلارنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

      ئىتتىپاق ئەترەتنى يېتەكلەشتەك دەۋر تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەشئەل يەتكۈزىدىغان، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالالايدىغان زاپاس قوشۇن يېتىشتۈرۈشكە موھتاج. ئەترەت كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ زاپاس قوشۇنى، بۈگۈنكى پىيونېرلار كەلگۈسىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى كەلگۈسىدە پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان لاياقەتلىك قۇرغۇچىلار، ئىشەنچلىك ئىزباسارلارغا ئايلىنىدۇ. ئەترەت، ئىتتىپاق، پارتىيە ئايرىلماس بىر پۈتۈن گەۋدە. بىز چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتكە، تارىخقا، خەلققە مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن پارتىيە بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مۈشكۈل ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان زاپاس قوشۇن قۇرۇپ چىقىشىمىز، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى كىچىك خوجايىنلارنى تەربىيەلىشىمىز كېرەك.

      ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىياتتا ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش داۋامىدا دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە خىرىسقا ماسلىشىشى مەيدانى مۇستەھكەم، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان زاپاس قوشۇننى يېتىشتۈرۈشكە موھتاج. ئۇچۇر دەۋرىدە ھەر خىل ئىدولوگىيە، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئېقىملىرى ئەۋج ئېلىپ ۋە ئۆزئارا سىڭىشىپ، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن ئۆسمۈر – بالىلارنى ئۆزىگە تارتىپ، ئۆز ئىدىيەسىنى ئۇلارغا سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى بىزدىن تالىشىۋاتقان ۋەزىيەتتە ئۆسمۈر – بالىلارنى ساغلام تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەش، تەرتىپلىك، ئىناق ۋەزىيەتنى ساقلاش ئىنتايىن جىددىي ۋە مۇرەككەپ بولماقتا، بۇ ئەترەت خىزمىتىگە يېڭى خىرىسلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. بىز سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نۇقتىسىدا تۇرۇپ، يىراقنى ئويلاپ، ئومۇمىيلىقنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، ئەمەلىي مەۋقەدە تۇرۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە مەيدانى مۇستەھكەم، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەيدىغان سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ لاياقەتلىك قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىشەنچلىك ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈشىمىز كېرەك.

      يېڭى دەۋر، يېڭى باسقۇچتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەترەت خىزمىتى يېڭى نەزەر، يېڭى تەپەككۇر بىلەن ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى پىلانلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتە ئەترەت خىزمىتىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئەترەت خىزمىتىدە يېڭى بۆسۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى لازىم.

      ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئەترەت خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى

      جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 6 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك پىيونېرلار قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ خاسلىقىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھېسسىيات تەربىيەسىنى ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى ئىلىم – پەن بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق چېنىقتۇرۇپ، ئىلغار تىپ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈپ، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشقا يېتەكلەشتىن ئىبارەت. تەربىيەچىلەرنى كەسىپلەشتۈرۈش، مۇقىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەترەت تەشكىلاتى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاشتىن ئىبارەت.

      ئاپتونوم رايونىمىز ئەترەت خىزمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق نىشانى

      —— ئەترەتنىڭ تەربىيەلەش، يېتەكلەش مۇھىم نۇقتىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش. ھېسسىيات تەربىيەسىنى مەركەز قىلغان ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئىتىپاق، دوستانە، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ پۇختىلاش، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان ساپ ھېسسىياتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش نىشانىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

      —— ئەترەتنىڭ قاتلاملىق تەربىيە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك ئەترەت كادىرلىرى ئۆسمۈر – بالىلاردا بىلىش، ئاڭ، ئېتىقاد، ھېسسىيات شەكىللىنىشنىڭ ئادەتتىكى قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىگىلەپ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تۆۋەن، يۇقىرى يىللىقىدىن ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئەترەت قاتلاملىرىنىڭ ئىدىيەۋى تەربىيە سىستېمىسىنى پەيدىنپەي بەرپا قىلىش.

      —— ئۆسمۈر – بالىلارنى يېتەكلەشنىڭ يولى ۋە ۋاسىتىسىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىش. ئىجتىمائىي تەرەققىيات جەريانىدا ھازىرقى زامان ئۆسمۈر – بالىلىرىنىڭ يېڭىچە تەپەككۇر ۋە ھەرىكەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ھۆرمەت قىلىپ، پىيونېرلارنىڭ ئەترەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئۇلاردا ئەترەت تەشكىلىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىش.

      —— ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش. 12355 سەھنە قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش ئورنى›› تەسىس قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھى ساغلاملىقى ۋە قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق مۇھىت شەكىللەندۈرۈش.

      —— ئەترەتنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تەرتىپلەشتۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترىتى كومىتېتى ئاپپاراتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم كۈچى سەپلەش، مەكتەپلەردە ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىش نىسبىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، مەكتەپ، مەھەللە ئەترەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇش. تەربىيەچىلەرنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلىشىش تەرەققىيات يولىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، تەربىيەچىلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش.

      3. ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات ھاسىل قىلىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ پىيونېرلار ئەترىتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىش

      ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش پارتىيەنىڭ ئەترەت خىزمىتىگە قويغان تەلىپى، شۇنداقلا ئەترەت تەشكىلاتىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە – ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى تارىخىي مەسئۇلىيىتى. ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلار ‹‹تۆتتە ياخشى›› ئۆسمۈر بولۇشنى نىشان قىلىپ، تىرىشىپ ‹‹ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۇلۇغۋار غايىلىك، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، يۇقىرىغا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاقى گۈزەل، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان، تېنى ساغلام، جانلىق، ئوچۇق – يورۇق›› ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇپ باي، قۇدرەتلىك، ئىناق، مۇقىم سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىش كېرەك.

      ئۆسمۈر – بالىلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنىڭ تەلىپى بويىچە زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ غايە – ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەش. باشتىن – ئاخىر شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى چۆرىدەپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي تەلىپى بويىچە ئۆسمۈر – بالىلارنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە – ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، نەزەرىيە سىستېمىسى، نىشان، ۋەزىپىلەرنى بالىلاشتۇرۇش، تۇرمۇشلاشتۇرۇش، كونكرېتلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ كىچىكىدىن توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش لازىم. چوڭ بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ‹‹قىزىل گالستۇكلۇقلار قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ››، ‹‹مەن ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلدىم›› تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلاردا پارتىيە ۋە سوتسىيالىستىك ۋەتەنگە بولغان ساپ ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى ئەتراپىدىكى يېڭى ۋەقە ۋە ئىجتىمائىي ھادىسەلەرگە نىسبەتەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ھازىر بىلەن ئۆتمۈشنى سېلىشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارغا پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى كىچىكىدىن باشلاپ ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە››نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە، ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ تەشكىلىي ئېڭى ۋە تەربىيە مەزمۇنىنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلىرىنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش تەربىيەسى داۋامىدا غايە – ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەپ، ھەربىر ئۆسمۈر – بالىنى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ ئۇلۇغۋار غايە تىكلەيدىغان ياخشى ئۆسمۈر قىلىپ تەربىيەلەش كېرەك.

      ئۆزگىچە ساپا مائارىپى پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلاردا ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى يېتىلدۈرۈش. ھەر دەرىجىلىك ئەترەت تەشكىلاتلىرى ئاساس مائارىپ دەرسلىكى ئىسلاھاتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ‹‹كىچىك بۈركۈت ھەرىكىتى›› پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ‹‹مېدال›› سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى مېدال ئېلىش، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. مەزمۇنى يېڭى، شەكلى رەڭدار، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ جىسمانىي، روھى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى كەڭ – كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، ئەممەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ ئۇلاردا بىلىم ئېلىش ھەۋىسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. كىچىك تېرىقچى، كىچىك باقمىچى، كىچىك ئىختىراچى، كىچىك ياسىغۇچى، كىچىك تەجرىبىچى، كىچىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى بولۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلاردا ئىلىم – پەن ئېڭى يېتىلدۈرۈپ، قىزىقىش ۋە تەسەۋۋۇرنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ دۇنيانى، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلاردا ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان ئىلمىي پوزىتسىيە ۋە ئىجادچانلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەربىر ئۆسمۈر – بالىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ يۇقىرى ئۆرلەيدىغان قىلىپ يېتىلدۈرۈش لازىم.

      ھېسسىيات تەربىيەسى پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش. ھېسسىيات تەربىيەسىنى سىڭدۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى تۇرمۇشلاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش لازىم. ‹‹قول تۇتۇشۇپ›› دوستلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر – يېزا، بىڭتۇەن – يەرلىك، مىللىي – خەنزۇ ئۆسمۈر – بالىلار ئوتتۇرىسىدا ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئەمەلىي پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى ئۆسمۈر – بالىلار بىلەن ئۆزئارا خەت يېزىش، تېلېفون بېرىش، يازلىق لاگېر قاتارلىق ‹‹قوشماق دوستلاردىن بولۇپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش›› پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلىرىنىڭ ئورتاق ئۆگىنىش ۋە ياشاش جەريانىدا بىر – بىرىدىن ئۈنسىز تەربىيە ئېلىشى، بىر – بىرىنىڭ ھېسسىياتىنى ئويغىتىشىغا شارائىت يارىتىپ، ھەربىر ئۆسمۈر – بالىنى پەزىلەتلىك، ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتىدىغان ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك.

      مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ ئەمگەك، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىش. ئۆسمۈر – بالىلارنى ئەمگەكنى سۆيۈش، قول سېلىپ ئىشلەشكە يېتەكلەپ، ئۇلارغا ئەمگەكنىڭ ئەڭ شەرەپلىك، ئەڭ ئولۇغ ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەت ۋە تۇرمۇشنى، بەختنى يارىتىدىغانلىقىدەك داۋلىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ئەتراپىدىكى قۇربى يېتىدىغان ھەربىر ئىشنى قىلىشقا ئۈندەپ، ئۇلارغا ئەمگەكنىڭ خۇشاللىقى، نەتىجىسى، قىممىتىنى ھېس قىلدۇرۇش لازىم. شەكلى ھەر خىل بولغان ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلارنى جەمئىيەتكە، تەبىئەتكە يېقىنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئۆسمۈر – بالىلاردا ئىستېتىك ئاڭ ۋە قول سېلىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ‹‹ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىپى››، ‹‹ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ ئامانلىق ھەرىكىتى››، ‹‹مۇھىت قوغدىغۇچى كىچىك قاراۋۇللاردىن بولايلى›› قاتارلىق تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، ئۆسمۈر – بالىلاردا ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى ۋە خوجايىنلىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش لازىم. ئۆسمۈر – بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ھەر كۈنى تەنتەربىيە، چېنىقىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ ئۇلارنى يۈگۈرۈش، سەكرەش، بەدەن بوشىتىش، ئىرادىسىنى كۈچەيتىش، ساغلام ياشاشقا يېتەكلەش كېرەك. ئۆسمۈر – بالىلارغا بولغان پىسخىكا ساغلاملىق تەربىيەسى شەكلى ۋە ۋاسىتىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئۇلاردا قىزىقىش، ھەۋەس يېتىلدۈرۈپ، كىچىكىدىن ئۈمىدۋار، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، باتۇر، قەيسەر، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيدىغان ئىرادىلىك بولۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلىرىنى تېنى ساغلام، جانلىق، ئوچۇق – يورۇق قىلىپ تەربىيەلەش لازىم.

      4. دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئەترەت ئىشلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاش

      تەشكىلىي ئاساسنى پۇختىلاپ، ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى كۈچەيتىش ئەترەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كاپالىتى، يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەرگە قارىتا بىز ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەترەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

      ئەترەت تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش. ناھىيە (شەھەر، رايون) دەرىجىلىك پىيونېرلار ئەترىتى كومىتېتى ئاپپارات قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، پىيونېرلار ئەترىتى كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە ھەر ساھەدىن مۇنەۋۋەر ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلىپ، بىرلەشمە كۈچ ھاسىل قىلىش كېرەك. يېزا – بازارلاردىكى مەركىزىي مەكتەپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى مەكتىپى، پۇقرالار ئاچقان مەكتەپ ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئەترەت تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تەكشى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاكتىپ ئەگىشىپ، ئەترەت خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك جانلاندۇرۇش كېرەك.

      ئەترەتنىڭ مېخانىزىم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. ئىتتىپاق، ئەترەتنىڭ جىپسىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق ئەترەتنى يېتەكلەيدىغان تەشكىلىي يۈرۈشۈش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەترەت قۇرۇلۇشىنى ئىتتىپاق قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىتتىپاققا كۆرسىتىش تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش لازىم. ئىتتىپاق، مائارىپ ھەمكارلىقى مېخانىزىمى ۋە بىرلەشمە مۇپەتتىشلىك مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىتتىپاق، مائارىپ بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى سىناق قىلىپ، ئەترەت خىزمىتىنى مائارىپ تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەخلاق باھالاش كۆرسەتكۈچى تۈزۈپ، مۇپەتتىشلىك، باھالاش، ئىلھاملاندۇرۇش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ خىزمەتلىرىنى مۇپەتتىش قىلىش، باھالاش تۇزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. ئىجتىمائىيلاشقان بايلىق مەنبەسىنى بىرلەشتۈرۈش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پائال سەپەرۋەر قىلىپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئەترەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ماددىي كاپالىتىنى كەڭ كۆلەمدە قولغا كەلتۈرۈپ، ئەترەت پائالىيەتلىرىنىڭ تۈرلىشىش، كەسىپلىشىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئۆسمۈر – بالىلارنىڭ تاشقى ئالماشتۇرۇش مېخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكە ھەتتا، ئەتراپىمىزدىكى دۆلەتلەر ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى بالىلار تەشكىلاتى بىلەن دوستانە بېرىپ – كېلىشنى كېڭەيتىش كېرەك.

      يۇقىرى ساپالىق تەربىيەچىلەر قوشۇنىنى بەرپا قىلىش. باش تەربىيەچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىغا باش تەربىيەچىنى سەپلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. چوڭ، ئوتتۇرا ئەترەت تەربىيەچىلىرىنى تەكلىپلىك تەيىنلەش تۈزۈمىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ، تەربىيەچىلەر قوشۇنىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەربىيەچىلەر قوشۇنىنى سەپلەش، باشقۇرۇش، باھالاش قاتارلىق تەرەپلەردىكى مېخانىزىم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەترەتنىڭ دەرىجىگە ئايرىپ تەربىيەلەش سىستېمىسنى ئورنىتىپ، تەربىيەچىلەرنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ تەربىيە كۆرگەن، نەزەرىيەۋى بىلىمى مول، كەسىپكە پۇختا، يېڭىلىق يارىتالايدىغان تەربىيەچىلەر قوشۇنىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش لازىم. پىدائىي تەربىيەچىلەر قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي تەربىيە بايلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەتتىكى نوپۇزلۇق زاتلار، ياش پىدائىيلارنىڭ ئەترەت خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەترەتنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى پىدائىي تەربىيەچىلەر قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. مۇنەۋۋەر تەربىيەچىلەرنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە تەقدىرلەپ، جەمئىيەتتە تەربىيەچىلەرنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش كېرەك.

      ئەترەتنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئىزدىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى – سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ تېمىلىق مۇھاكىمە، تەتقىقاتلارنى يولغا قويۇش، بايلىقلاردىن ئۆزئارا بەھرە ئېلىش، ئىتتىپاق بىلەن ئەترەت ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى ئىلمىي تەتقىقات مېخانىزىمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش لازىم. ئىلمىي ماقالىلەرنى باھالاش، ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ‹‹ئىزدىنىش – تەجرىبە — ئۆستۈرۈش›› تۈسىدىكى ئىلىم – پەن سىستېمىسى يۈرۈشۈش شەكلىنى بەرپا قىلىپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئىلمىيلىكى، ئىشلىتىلىش قىممىتى يۇقىرى بولغان مۇنەۋۋەر نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش لازىم. دۆلەت بويىچە 1 – دەرىجىلىك پەن، مائارىپشۇناسلىق ئۈستىدە ئىجادىي ئىزدىنىپ، ئەترەت تەشكىلىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان 2 – دەرىجىلىك پەننى تەسىس قىلىپ، شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە مەخسۇس، تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلارنى تەربىيەلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى تەسىس قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەترەت پەنلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز لازىم.

      ۋەكىللەر، يولداشلار، پىيونېرلار، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئولۇغۋار نىشانى بىزنى ئىلھاملاندۇرماقتا ۋە چاقىرماقتا، زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچىمىز شەرەپلىك، بىز يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئەترەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ پارتىيەگە ئەگىشىپ، غايە ئۈچۈن ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈر – بالىلارنى ‹‹ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپە››نى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك تەييارلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، يۇلتۇزمەشئەلنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا تېخىمۇ نۇر چاچقۇزايلى!

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر