باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قىشتا قولىڭىزنى قانداق ئاسرايسىز

 

  قىشتا قول تېرىسى قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. قول ئاسراش مايلىرىنىڭ ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولمايدۇ. ئۇنداقتا، قىشتا قولنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

  1. قول تېرىسىنىڭ تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. قولنى پاكىز يۇيۇش ــ قول ئاسراشنىڭ تۇنجى قەدىمى.

  2. قول ئاسراش مېيىنى ئىشلىتىشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تېرىسىگە ماس كېلىدىغان، تەركىبىدە ۋىتامىن E بولغان قول ئاسراش مېيىنى ئىشلىتىش لازىم.

  3. قولنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى قول ئاسراش مېيىنى سۈرتۈپ ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن پەلەي كىيىۋېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، تېرىنىڭ سوغۇقتىن يېرىلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: ئاينۇر