باش بەت | يۈزمىڭلىغان نېمە ئۈچۈن

نېمە ئۈچۈن سىملىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىكى سۈرەت ئىنتايىن ئوچۇق بولىدۇ

      بىز كۆرۈۋاتقان تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ياكى يەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى تارقىتىدۇ. بۇرۇن، پىروگراممىلار رادىيو دولقۇنى ئارقىلىق بىۋاسىتە يوللىناتتى، بىز ئۆيىمىزدىكى تېلېۋىزورنى ئاچقاندىن كېيىن ئانتېننىسىنى چىقىرىپ، قانالنى تاللىساق، ھەرخىل قىزىقارلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرەلەيتتۇق.

      بىراق، بۇنداق قوبۇل قىلىنغان تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى تۇتۇق بولۇپ قالاتتى. چۈنكى، رادىيو دولقۇنى تارقىلىش جەريانىدا، تاغ ۋە ئېگىز بىنالارنىڭ توشۇشىغا ئۇچرىغاچقا بەزى رايونلاردا قوبۇل قىلىنغان سىگنال ئىنتايىن ئاجىز بولۇپ كۆرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يېتەتتى. بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟

      بەزىلەر ‹‹ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئانتېننا›› ئارقىلىق قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقتى. بۇنىڭدا ئېگىز يەرگە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئانتېننا ياسىلىپ، تېلېۋىزىيە رادىيو دولقۇنى قوبۇل قىلىنىدۇ، ئاندىن كېيىن ئېلېكتىر كابېلى ياكى ئوپتىكىلىق كابېل ئارقىلىق ئېلېكتىر دولقۇنى ئەتراپتىكى ئائىلىلەرگە يوللاپ بېرىلىدۇ. بۇ خىل تېلېۋىزىيە سىملىق تېلېۋىزىيە دەپ ئاتالدى. سىملىق تېلېۋىزىيەنىڭ ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئانتېنناسى ئادەتتە ئېگىز بىنالارنىڭ ئۆگزىسىگە ياكى ‹‹ئېگىز جاي›› لارغا قۇرۇلىدۇ. شۇڭا تېلېۋىزىيە رادىيو سىگنالىنى توسالغۇسىز قوبۇل قىلالايدۇ ۋە تارقىتالايدۇ. ئەگەر قوبۇل قىلىنغان تېلېۋىزىيە سىگنالى بەك ئاجىز بولسا، ئۇ ئاۋۋال ‹‹كۈچەيتىلىپ›› ئاندىن يوللنىلىدۇ. شۇڭا، سىملىق تېلېۋىزىيە قوبۇل قىلغان سۈرەت ئىنتايىن ئوچۇق بولىدۇ.

 

مەنبە: يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن تەھرىر: مېھراي