باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

مۇلازىمەت

      11 ياشلىق پېتىر ئاتىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن دەرستىن سىرتقى ۋاقىتىلىرىدا ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئۆيىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى بىرئاز بولسىمۇ يەڭگىللەتمەقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئو گولف توپ مەيدانىدا توپ تىرىدىغان ئىشنى تېپىپتۇ. ئەمما توپ تىرىدىغان باشقا بالىلار پېتىرنى ئورۇق، ئاجىز دەپ ھەممىسى ئۇنى بوزەك قىلىپ، ئۇنىڭغا توپنى ئانچە ياخشى ئوينىيالمايدىغان ماھىرلارنىڭ توپىنى تەرگۈزىدىكەن. پېتىرمۇ بۇنىڭغا ياق دېمەي مەيدانغا ئۇ ياقتىن - بۇياققا يۈگۈرۈپ توپ تىرىدىكەن.

      شۇنداق قىلىپ ئىككى يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ. دەرۋەقە پېتىر مەيداندىكى توپ تىرىش تەجرىبىسى ئەڭ مول توپ تىرىگۈچى بولۇپ قاپتۇ. كىشىنى ئەجەبلەندۈرگىنى شۇكى، ئۇ ھەمىشە گولف توپ ئويناشقا ماھىر كىشىلەرنىڭ توپىنى تىرىش پۇرسىتىنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئۆزى يەنىلا بۇرۇنقىدەك گولف توپ ئويناش ئىقتىدارى ناچار ماھىرلارنىڭ توپىنى تىرىپتۇ. بىر كۈنى خوجايىن ئۇنىڭدىن: ‹‹سەن نېمىشقا ھەمىشە شۇنداق ناچار ئۇرۇلغان تووپلارنى تىرىسەن؟ ئەجەبا سەن كۆپرەك يۈگۈرۈپ بەدەن چېنىقتۇرماقچىمۇ؟›› دەپ سوراپتۇ. پېتىر خوجايىننىڭ بۇ گېپىگە بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپتۇ، خالاس.

      ـ سەن جاپادىن، زىيان تارتىشتىن قورقمامسەن؟ ـ دەپ سوراپتۇ خوجايىن ئۇنىڭدىن يەنە.

      پېتىر كۈلۈپ تۇرۇپ: ‹‹گولف توپ ئويناشتىكى ئىقتىدارى ناچار ئادەملەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن گولف توپ ئوينىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نۇرغۇن جايلىرى بار، مېنىڭ ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىشىم پەقەت مۇشۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ ئۇلاردىن گولف توپتىن سىرت باشقا بىلىملەرنى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن›› دەپتۇ.

      ئۇزاق ئۆتمەيلا گولف توپ مەيدانىغا يېڭى بىر ماھىر كەپتۇ. پېتىر ئۆزلۈكىدىنلا بۇ ماھىرغا مۇلازىمەت قىپتۇ. بۇ ماھىرنىڭ توپ ئۇرۇشى ناھايىتى ناچار بولۇپ، پېتىر ھەر قېتىم بۇ ماھىر ئۇرغان توپنى تىرىش ئۈچۈن شۇنچىلىك ھېرىپ كېتىدىكەن. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ماھىر پېتىردىن تەسىرلىنىپتۇ ھەم پېتىرنى يېنىدىن ئايرىمايدىغان بولۇپ قاپتۇ.

      ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن پېتىر بۇ ماھىر ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ پاراڭلىرىدىن پاي چېكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن بىلىملەرنى ئىگىلىۋاپتۇ ھەم مەبلەغ سېلىشقا بەكلا قىزىقىپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ پېتىر كېيىن ناھايىتى مۇنەۋۋەر بىر مەبلەغ سېلىش دىرېكتورى بولۇپ قاپتۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي