باش بەت | پەن – تېخنىكا يېڭىلىقلىرى

سېھىرلىك شارچىدا جىمجىتلىقتىن ھۇزۇرلىنىش

      شىۋېيتسارىيەدىكى بىر لايىھەلىگۈچى يېقىندا ئەمەلىي نۇسخىدىكى ‹‹سېھىرلىك شارچا›› نى ياساپ چىققان بولۇپ، بۇ شارچىدا ھەرقانداق ۋاقىتتا سىرتقى دۇنيا بىلەن ئايرىلىپ جىمجىتلىقتىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدىكەن.

      بۇ سېھىرلىك شارچە ئادەم بويىدىن سەل ئېگىزرەك كەلگەن، سۈزۈك رەڭلىك يۇمىلاق شارچە بولۇپ، قارىماققا بالىلار سۇدا سەكرەپ ئوينايدىغان گازلىق شارچىغا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىقتىدارى ئۇ خىل شارچىدىن خېلىلا مۇرەككەپ، بۇ شارچىدا كۆپلىگەن قوشۇمچە ماتېرىياللار بار بولۇپ، شارچىنىڭ ئىچىگە كارىۋات، سافا، ياستۇق قويۇشقا، توك مەنبەسىنى، سۇ تۇرۇبىسىنى چېتىشقا بولىدۇ ھەتتا بىر قىسىم ئاشخانا جابدۇقلىرىنى ئېلىپ كىرىپ، ئىچىدە تاماق ئېتىپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ.

      بۇ شارچىدىكى توك 40 سائەت چىراغ يورۇتۇشقا تولۇق يېتىدىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇنىڭ ئىچىدە بىر كېچە - كۈندۈز چىقماي تۇرۇشىغا تولۇق يېتىدۇ. سىز بۇ شارچىنى ئۆيىڭىزگە قويۇپ بىكار ۋاقىتلىرىڭىزدا كىرىپ كىتاب ئوقۇسىڭىزمۇ ۋە ياكى ھويلىڭىزغا قويۇپ ئىچىدە يېتىپ ئاپتاپقا قاقلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي