باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالا تەربىيەسىدە ئاتا – ئانا ساپاسى مۇھىم

      ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت مائارىپنىڭ ئۈچ چوڭ تۈۋرۈكى. ئائىلە، مەكتەپ تەربىيەسى مۇكەممەل بولغاندىلا، بالىلاردا ياخشى ساپا يېتىلىپ، كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىن ياخشى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ئاساس سالالايدۇ.

      پەرزەنتلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلمايدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك، بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئوقۇش خىراجىتى، ئىگىلىكى ئۈچۈن يېمەي–ئىچمەي پۇل يىغسا، يەنە بىر قىسىم ئاتا – ئانىلار: ‹‹بالا چوڭ بولغاندا مەكتەپ تەربىيەلەيدۇ، يېتەرلىك ئىقتىساد بولسىلا ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلالايمىز›› دەپ، بالىنى مەكتەپ، جەمئىيەت تەربىيەسىگە تاشلاپ قويىدۇ. ئائىلە بالىلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى، بالىلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ بىرىنچى بالدىقى. مۇتەپەككۇر، ئالىم يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇنداق دېگەن: ‹‹سەن بالىلىق بولساڭ، ئۇنىڭ تەربىيەچىسى ئۆزۈڭلا بول.›› شۇڭا ئاتا–ئانىلار مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىگە يېقىندىن ماسلىشىپ، ئائىلە تەربىيەسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. كونىلاردا: ‹‹تۆمۈرچىنىڭ بازغىنى قاتتىق بولۇشى كېرەك›› دېگەن گەپ بار. پەرزەنت تەربىيەسىمۇ ھامان ئاتا–ئانىلارنىڭ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشىدىن باشلىنىدۇ. ئاتا–ئانا بالىدا قانداق ساپا بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئالدى بىلەن ئۆزىدىمۇ شۇنداق ساپانى ھازىرلىغاندا، پەرزەنتىنىڭ ساپاسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. پەرزەنت تەربىيەسىگە سەل قاراش جەمئىيەتكە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق، بالىلار بىلەن كارى بولماسلىق، ئۇرۇپ–تىللاش، ئويۇن–تاماشا، خىزمەت ئالدىراشلىقىنى باھانە قىلىپ، پەرزەنت تەربىيەسىدىكى ‹‹ئالتۇن ۋاقىت››لارنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ، بالىنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىۋېتىش ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر. بالىلار تەربىيەچىسى سۈن جىڭشيۇ: ‹‹بالىلارنىڭ كۆزى سۈرەت تارتىش ئاپپاراتىغا، مېڭىسى ئۈنئالغۇغا ئوخشايدۇ›› دېگەن. بالىلار تەقلىد قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ. بالا ئەڭ ئاۋۋال ئاتا–ئانىنى دورايدۇ. ئاتا–ئانىسىنىڭ ھەر بىر سۆز–ھەرىكىتىنى ئاسانلا يۇقتۇرۇۋالىدۇ. تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا–ئانىلار چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلىسە، بالىلارمۇ قائىدە–يوسۇنلۇق بولىدىكەن، ئاتا–ئانىلار ئىتتىپاق، دوستانە ئۆتسە بالىلاردىمۇ شۇنداق پوزىتسىيە يېتىلىدىكەن. ھازىر، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا باشقىلارنى ياراتماسلىق، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش، باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ئۆتۈشنى خالىماسلىق، پەرىشانلىق، شۆھرەتپەرەسلىك، راھەتپەرەسلىك قاتارلىق پىسخىكىلىق ئاجىزلىقلار ھەتتا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ئەھۋاللىرى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىكى پىسخىك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %13 نى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى %19 نى ئىگىلەيدىكەن. بۇنى ئاتا–ئانىلارنىڭ بالىلاردا ‹‹نۇسخىلىنىپ›› قالغان يامان ئادەتلىرىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئاتا–ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى نۇقسانلىرىغا سەل قارىماسلىقى، سۆز–ھەرىكىتى، يۈرۈش–تۇرۇشىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە، ياخشى پىسخىكا يېتىلدۈرۈشكە كۈچىشى كېرەك.

      ھازىر، نۇرغۇن ئاتا–ئانا ‹‹خىزمىتىم، كەسپىم، تىجارىتىم، ئىگىلىكىم بار، ئائىلەم ئىقتىسادىي كاپالەتكە ئىگە›› دەپ قاراپ، داۋاملىق ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمەيدۇ. تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا، ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ۋە خاراكتېرى نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان مەزگىلدە، پۈتكۈل نېرۋا قۇرۇلمىسىنىڭ %70–%80 ىمۇ مۇشۇ مەزگىلدە شەكىللىنىپ بولىدىكەن. بالىلارنىڭ ئۈچ ياشقىچە بولغان ئارىلىقتا زېھنىي تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولىدىكەن. شۇڭا ئاتا – ئانىلار مۇشۇ مەزگىلنى چىڭ تۇتۇپ، تەربىيەلەش دائىرىسىدىكى بىلىملەردىن خەۋەردار بولۇپ، تەربىيەلەشكە كۈچىگەندە، پەرزەنتىنى كەلگۈسىدە ھەر تەرەپتىن ئەتراپلىق يېتىشكەن، ئۆز ئىشىنى ئۆزى تېپىپ قىلالايدىغان قىلىپ چىقالايدىكەن.

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: رەيھانگۈل