باش بەت | يېمەك – ئىچمەك

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يىمەكلىكى - قوماچ

 

سادىر سابىر نەزەرى

      ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات، ئىجىتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە ھايات كەچۈرۈش جەريانىدا، ئۆزىگە خاس تۈرلۈك تۇرمۇش ئادىتى ۋە خىلمۇ - خىل ئەنئەنىۋى يىمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن مىللەتلەرنىڭ بىرى.

      قوماچ - ئەنە شۇ يىمەكلىلىكلەرنىڭ بىرى تۈرى بولۇپ، تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئەجداتلىرىمىز قەدىمقى زامانلاردا، ئاشلىقلارنى ئۇن قىلىپ تاماق ئېتىپ يىيىشنى بىلىشتىن بۇرۇن، بۇغداي، قوناقلارنى ئۆز پېتى خام يىيىشتىن بارا-بارا ئوتتا ياكى قازاندا قورۇپ پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشنى ئۆگەنگەن ھەمدە ئۇنى «قوماچ» دەپ ئاتىغان. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا ياغۇنچاق ۋە تاشتۈگمەنلەرنىڭ كەشىپ قىلىنىشى بىلەن ئاندىن ئاشلىقلارنى يۇمشىتىپ ئۇن قىلىپ، ئۇنىڭدا تۈرلۈك تائاملارنى ئېتىپ ئىستېمال قىلىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.

      قوماچ - ئادەتتە قوناق قومىچى، بۇغداي قومىچى، كەندىر قومىچى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلارنى ھەربىر تۈرى بويىچە ئايرىم ئىستېمال قىلىشقىمۇ ياكى بىر-بىرىگە قوشۇپ ئېلىشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ ۋە ياكى تالقان قىلىپ سەپەرگە چىققاندا بىللە ئېلىۋېلىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

      1 - قوناق قومىچى: بۇ خىل قوماچ يەنە كۆممىقوناق قومىچى ۋە ئاققوناق قومىچى دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدىغان بولۇپ، كۆممىقوناق قومىچى بولسا، كۆممىقوناقنى قازاندا ئازراق قۇم بىلەن ئېلىشتۇرۇپ قورۇلىدىغان بولۇپ، قۇم قىزىغانسىرى قوناق پاق بولۇپ ئېتىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ‹‹پاق›› دەپمۇ ئاتىغان بولۇپ، بۇ خىل قوماچ قورۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئەلگەك ياكى غەلۋىردە تاسقاپ قۇمدىن پاكىزلىنىپ ئاندىن ئىستېمال قىلىنىدۇ. ئاققوناقتا قورۇلغان قوماچ ‹‹ئاققوناق قومىچى›› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى قۇم بىلەن ئارىلاشتۇرماي قازاندا ئايرىم قورۇسا بولىدۇ. ئۇنى قازاندا بەكرەك قىزىتىپ ئۇششاق-ئۇششاق پاق قىلىپ ئېتىلدۇرۇپ قورۇسىمۇ ياكى سارغىيىپ پىشقىچە قورۇسىمۇ بولىدۇ.

       2 -بۇغداي قومىچى: بۇ بۇغداينى قازاندا ئۆز پېتى قورۇپ پىشۇرىلىدىغان يەنە بىر خىل قوماچ بولۇپ، ئۇنى ئايرىم يىيىشكىمۇ، ئاققوناق قومىچى، كەندىر قومىچى بىلەن قوشۇپ يىيىشكىمۇ ياكى قوناق قومىچى بىلەن قوشۇپ ياغۇنچاق، تۈگمەندە تالقان قىلىپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ. 3 - كەندىر قومىچى: بۇ كەندىر ئۇرۇقىنى كۆيدۈرۋەتمەسلىك شەرتى ئاستىدا قازاندا قورۇپ ئىستېمال قىلىنىدىغان يەنە بىر خىل قوماچ بولۇپ، ئۇنى ئاققوناق قومىچى ياكى بۇغداي قومىچى بىلەن بىرگە قوشۇپ يىيىشكە بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەگەر كەندىر ئۇرىقى تولۇق پىشقىچە قورۇلماي خامراق قالغان بولسا، ئۇنى ئىستېمال قىلغان ئادەمنى مەس قىلىپ قويۇش ئېھتىمالى بار، شۇڭا ئۇنى قورىغاندا مۇۋاپىق پىىشۇرۇپ قورۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

      مەيلى قايسى خىلدىكى قوماچ بولسۇن، كىشىلەر ئىلگىرى بۇ خىل قوماچلارنى ئۆز پېتى مەخسۇس يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە، ئۇنى ئايرىم-ئايرىم ياكى بىر - بىرىگە قوشۇپ، ياغۇنچاق ياكى تۈگمەندە يۇمشىتىپ تالقان قىلىپ، ئۇنىڭغا كالا، قوي مېيى، سۇ يېغى، تۇز قاتارلىقلارنى قوشۇپ، قايناق سۇدا تالقان چېلىپ بىر تۈرلۈك تائام ئورنىدا ئىستېمال قىلىشتىن باشقا يەنە، سوغۇقتىن بولغان تۈرلۈك ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا بىر خىل مۇھىم دورا ئورنىدا ئىشلىتىپ كەلگەن.

      يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ تېرىم يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇ خىل يىمەكلىكنى ئىستېمال قىلىش ئادىتى ھېلىھەم داۋاملىشىپ كەلمەكتە. ئۇلار ھەر يىلى ھېيىت - بايرام كۈنلەردە بالا-چاقىلىرىغا بۇ خىل يىمەكلىكىنى ئالاھىدە ھېيىت - بايراملىق ئورنىدا قورۇپ بېرىشىدۇ. ھەتتا قىز، ئوغۇللارنىڭ توي مەرىكىسى بولغاندا، قىز تەرەپ بولغۇچىلار، ئوغۇل تەرەپنىڭ ئۆيىگە چاي ئېلىپ بارغاندا مۇشۇ خىل قوماچلارنى ھەر بىر تۈرى بويىچە لىگەن - لىگەنلەپ ۋە بىر نەچچە يۈز تۇخۇم بىلەن قوشۇپ، كۈيئوغۇل تەرەپكە ئالاھىدە سوۋغات سۈپىتىدە ئېلىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى قۇدىلىرى ۋە يېڭى كۈيئوغلىغا بولغان ئىززەت - ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەمدە ئالدى بىلەن كۈيئوغلىنىڭ بىلىگە پوتا باغلاپ، ئاندىن بىر لىگەن قوماچ بىلەن بىر لىگەن تۇخۇمنى كۈيئوغۇلنىڭ بىلىدىكى پوتىغا قۇيۇپ چىڭ باغلاپ، قىز - يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ چوڭقۇر بولۇشىنى ۋە بۇرۇنراق پەرزەنتلىك بولۇپ ئۆمۈرۋايەت بىللە ئۆتۈشىنى تىلەيدۇ. تۇخۇم، قوماچلار داستىخانغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئوغۇل تەرەپمۇ يېڭى بولغان قۇدىلىرىنىڭ بۇ خىل سوۋغىسىنى ‹‹ھەشقاللا!›› بىلەن قوبۇل قىلىپ ئېلىپ، تويغا قاتناشقان سورۇن ئەھلىگە تارقىتىپ بېرىپ بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشىدۇ.

      ئەپسۇسكى، بۇ خىل ئۆزگىچە ئەنئەنىۋى يىمەكلىكىمىز، ھازىرقى يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىمىزنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا ئەگىشىپ بارا - بارا ئىستېمالدىن قالماقتا.

 

 

مەنبە: جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر