باش بەت | چولپانلار

لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان باتۇر ئەزىمەتلەر

سۈرەتتە: شىنجاڭ خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى مەمەتتۇرسۇن چوڭ.

      مەمەتتۇرسۇن چوڭ 2012 – يىلى 4 – ئاينىڭ 11 – كۈنى قازاقىستاننىڭ مەركىزى شەھىرى ئاستانىدا باشلانغان ئاسيا بوكسچىلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا كىرىش لاياقىتىگە ئېرىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 69 كىلوگىراملىقلار تۈرىدە فىلىپپىن، مۇڭغۇلىيە ۋە ئىران ماھىرلىرىنى يېڭىپ ئەلا نەتىجە بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىتىگە ئېرىشتى. مەمەتتۇرسۇن چوڭ.

      2009 – يىلى مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن، 2010 – يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

سۈرەتتە: ئاياللارنىڭ شىتانكا كۆتۈرۈش تۈرىدىكى باتۇر قىز – لى شۆيىڭ.

      لى شۆيىڭ (شىنجاڭ بىلەن خۇنەن ھەمكارلىشىپ تەربىيەلىگەن تەنھەرىكەتچى) ئاياللارنىڭ 58 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدا دۇنياغا تونۇلغان باتۇر قىز.

      لى شۆيىڭ 2009 – يىللىق دۇنيا لەۋھەسىنى تالىشىش بويىچە شىتانكا كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە، ئاياللارنىڭ 58 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسدە تىك كۆتۈرۈش، مەيدىگە ئېلىپ كۆتۈرۈش بويىچە 239 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان. مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا 251 كىلوگىراملىق نەتىجە بىلەن چېمپىيون بولغان. 2010 – يىللىق ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئومۇمىي نەتىجە بويىچە ئالدىغا ئۆتۈپ چېمپىيون بولغان. 2012 – يىلى نەنجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللارنىڭ شىتانكا كۆتۈرۈش بويىچە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش لاياقەتنامىسى ئالغان.

 
سۈرەتتە: ئاياللارنىڭ ئەركىن شەكىلدە چېلىشىش تۈرىدىكى قەيسەر قىز – جىڭ رۈيشۆ.

      جىڭ رۈيشۆ شەنشىنىڭ زىجۇۋ ناھىيىسىدىن، دۆلەتلىك ئەركىن شەكىلدە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى، دۇنيادا 63 كىلوگىراملىق ئېغىرلىق ئايرىمىسىدىكى ئالدىنقى ئۈچنىڭ بىرى (شىنجاڭ بىلەن شەنشى ھەمكارلىشىپ تەربىيەلىگەن تەنھەرىكەتچى) ئۇ 2003 – يىلدىن كېيىن ئىلگىرى كېيىن كۆپ قېتىم دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە ئالىي شەرەپلەرنى قازانغان. مەملىكەتلىك 11 – نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېمپىيونى.

      جىڭ رۈيشۆ بۇ يىل پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش بويىچە قىزلارنىڭ ئەركىن شەكىلدە چېلىشىش مۇسابىقىسىدا، فرانسىيە، موڭغۇلىيە، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا ماھىرلىرىنى يېڭىپ كوللېكتىپ ۋە يەككىلەر بويىچە چېمپىيون بولغان، ھەمدە 2012 – يىللىق لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.

      يۇقارقى ئۈچ ماھىرىمىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا شەرەپ قازىنىشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا دۆلىتىمىزگە ۋاكالىتەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

      ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چەۋەندازلىق تۈرىدىكى ماھىرلىمىزدىن ليۇ لىنا، لەن چياۋ، ليۇ تاۋ ۋە نۇرئەخمەتجانلارمۇ ئولىمپىكقا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزدىن. ئۇلار يېقىن ئارىلىقتا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سالاھىيەت مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدۇ. بىز ھەرقايسى تۈرلەر بويىچە پىداكارلىق كۆرسىتىپ يۇقىرى ئۆرلەۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ئولىمپىكتا تېخىمۇ كۆپ شۆھرەت قازىنىشىنى تىلەيمىز.

 

مەنبە: تەھرىر: ئىلمىنۇر