باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

قۇياش نۇرى ئەڭ كۆپ ...

      قۇياش پۈتمەس – تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەنبەسى. 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرىدا جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى پوتورىكو دۇنيا بويىچە قۇياش نۇرى ئەڭ كۆپ چۈشىدىغان شەھەر، دەپ قارالغانىدى. ئالىملار بۇ يەرنى ئۇدا ئالتە يىل كۆزەتكەندە ئالتە يىل ئىچىدە 17 كۈنلا ھاۋا تۇتۇلغان، بىر يىلنىڭ 362 كۈن قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرغان.

      70 – يىللارغا كەلگەندە ھاۋا رايىنى كۆزىتىش پونكىتلىرى كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر سەھرايى كەبىرنىڭ شەرقىي قىسىمىغا قۇياش نۇرىنىڭ ئەڭ كۆپ چۈشىدىغانلىقىنى، ئۇ يەردە بىر يىلنىڭ %97ىدە قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغانلىقى، قۇياش نۇرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە چۈشۈش ۋاقتىنىڭ 4300 سائەتكە يېتىدىغانلىقىنى، يەنە پارلاپ تۇرغان قۇياش نۇرىنى ھەر كۈنى تەخمىنەن 11 سائەت 45 مىنۇت كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. سەھرايى كەبىر دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇرغاق يەر، ئۇ يەردە قۇياش نۇرىنى توسۇپ تۇرىدىغان بۇلۇت قاتلىمى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ جاينىڭ كەڭلىك گرادۇسى تۆۋەنرەك بولۇپ قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، شۇڭا بۇ جاي دۇنيا بويىچە قۇياش نۇرى ئەڭ كۆپ چۈشىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر