باش بەت | كائىنات سىرلىرى

سامانيولى سىستېمىسىدا ياشاشقا ماس كېلىدىغان يەتتە پىلانېتا بايقالدى

      سۈرەتتە: ياشاشقا ماس كېلىشى مۇمكىن بولغان پىلانېتا ۋە يەر شارىدىكى كۈن ئولتۇرغاندىكى مەنزىرىنىڭ سېلىشتۇرمىسى.

      ئەنگىلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى››نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پور تېررىكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسترونوملىرى سامانيولى سىستېمىسىنىڭ ئىچى، قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدىكى ‹‹ياشاشقا ماس كېلىدىغان پىلانېتالار مۇندەرىجىسى››نى تۈزۈۋېتىپتۇ. ھازىر يۈكسەك ئىرادە بىلەن تۈزۈلگەن بۇ پىلان باشلانغىلى بىر يىل بولغان بولۇپ، تەتقىقات خادىملىرى ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا ماس كېلىش ئېھتىماللىقى بار پىلانېتادىن يەتتىنى تاپقان. بۇ يەتتە پىلانېتانىڭ نامى ئايرىم - ئايرىم تۆۋەندىكىچە:

      Gliese 581d، HD 85512b، Kepler 22b، Gliese 667Cc، Gliese581g،Gliese 163c ،HD 40307g  

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: رەيھانگۈل