باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

تەن سەزگۈ ئويۇنى بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ

      ‹‹كانادا ھەرىكەت ۋە بالىلار ساغلاملىقى تەشكىلاتى›› مۇنداق دوكلات ئېلان قىلدى: گەرچە تەن سەزگۈ ئويۇنى بالىلارنىڭ ئۇزاق ئولتۇرۇش ئادىتىگە چەك قويسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقىي ھەرىكەت ئويۇنى ياكى تەنتەربىيەگە يەتمەيدۇ.

      دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: تەن سەزگە ئويۇنى يېڭى ئىجاد قىلىنغان ئويۇن، ئۇنىڭ كومپيۇتېرغا ئۇلانغان سىملىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ قانداق ھەرىكەت قىلسا، كومپيۇتېردىكى تەقلىدىي ئادەممۇ شۇنداق ھەرىكەت قىلىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي