باش بەت | مەكتەپلەر

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ‹‹جاۋچىڭ›› ئوتتۇرامەكتىپى

      گۇاڭدۇڭ ‹‹جاۋچىڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپى 1573 - يىلى قۇرۇلغان ‹‹دۇەنشى›› بىلىم يۇرتى ئاساسىدا قۇرۇلغان، 1905 - يىلى ‹‹جاۋچىڭ›› مەھكىمىسى ئوتتۇرا مەكتىپىگە ئۆزگەرتىلگەن، ‹‹شىجياڭدىكى ئالىي بىلىم يۇرتى›› دەپ ئاتالغان. 1949 - يىل نويابىردىن باشلاپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ‹‹جاۋچىڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپى دەپ ئاتالغان بولۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى 16 نۇقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى تۈنجى دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ.

      بۇ مەكتەپنىڭ ھازىر ئىككى مەكتەپ رايونى بار: كونا مەكتەپ رايونى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، كۆلىمى 36 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 24 مىڭ كۋادرات مېتىر؛ يېڭى مەكتەپ رايونى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل ‹‹پەرىشتە كۆلى›› بويىغا جايلاشقان، كۆلىمى 182 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى تەخمىنەن 90 مىڭ كۋادرات مېتىر. مەزكۇر مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى كۈچلۈك بولۇپ، 302 ئوقۇتقۇچى ۋە ئىشچى - خىزمەتچىسى بار، چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچىدىن ئىككىسى ، ئالاھىدە دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىدىن ئۈچى، ئالىي ئوقۇتقۇچىدىن 79ى، جاۋچىڭ شەھىرى بويىچە كەسىپ تېخنىكىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىختىساس ئىگىسىدىن ئىككىسى بار.

      بۇ مەكتەپ 2007 - يىلى كۈزدىن باشلاپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان. جاۋچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەركەز ۋە ئۆلكە ئاجراتقان مەخسۇس مەبلەغدىن باشقا، سېلىنما سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، تۈنجى قاراردا قۇرۇلۇش كۆلىمى 4000 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسى سالدى. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنى ياخشى باشقۇرۇش ئۈچۈن، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلارنى سەپلەش، ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئارقا سەپ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە زور خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىلىرىغا دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە ئالىي ۋە 1 - دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ؛ ھەر بىر يىللىق شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بىر مۇئاۋىن مۇدىر مەسئۇل بولدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، بۇ مەكتەپ شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى خىزمىتىدە زور ئۇتۇق قازاندى.

      گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ‹‹جاۋچىڭ›› ئوتتۇرا مەكتىپى مەملىكەتلىك ‹‹تۆت گۈزەل، بەش بولۇش، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش›› پائالىيىتىدىكى ئىلغار ئورۇن، مەملىكەتلىك تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇشتىكى ئىلغار ئورۇن، مەملىكەتلىك ئاممىۋى تەنتەربىيەدە ئىلغار كوللېكتىپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك مەدەنىيەتلىك ئورۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى تەنتەربىيە ئەنئەنىۋى تۈرىدىكى ئىلغار ئورۇن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا پائالىيىتىدىكى ئىلغار مەكتەپ قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان