باش بەت | ئىزدىنىش ۋە تەپەككۇر

ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 176گە يېتىدىغان ئۆسمۈر

      ئامېرىكا CNN تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئەۋلادى بولغان 6 ياشلىق ئۆسمۈر پۇلاناف ۋىللانىڭ ئەقلىي ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى 176گە يېتىدىكەن. نورمال ئادەملەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ئادەتتە 90دىن 110غىچە بولىدۇ. باشقا بالىلار ئەمدى تېخى ABC ئۆگىنىۋاتقاندا، ئۇ ئاللىقاچان كەرەلەرنى يادلاپ سۇ قىلىۋەتكەن. بۇ تېخى تارىختىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىڭ ھەممىسىنى دەپ بېرەلەيدىكەن. كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرۇدىغىنى، سىز خالىغان بىر چىسلانى دەپ بەرسىڭىز، ئۇ سىزگە شۇ كۈننىڭ ھەپتىنىڭ قانچىسى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلەيدىكەن. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ كاللىسىدا خۇددى بىر كالىندار باردەك ھېس قىلىدىكەن. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەقلىي ئىقتىداردىكىلەر بىر مىليون ئادەمنىڭ ئىچىدىن بىرسى چىقىدىكەن.

      ئۇ ھەركۈنى كىتاب ئوقۇيدىكەن، ئويۇنچۇق ۋە رەسىملەر ئارقىلىق ئەستە تۇتۇشقا ياردەم قىلىدىكەن. ئۇنىڭ دادىسى پىراساد مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ئۇنىڭغا ئادەتتىكى بالىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىمىز، ئۇنىڭ تالانت ۋە ماھارەت ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق تاپالىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.››

      ئۇمۇ تەڭ ياشتىكى نۇرغۇن بالىلارغا ئوخشاش، كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىكەن. باشقا بالىلار ئەمدىلا ABC ئۆگىنىۋاتقاندا، ئۇ ھەرپلەر جەدۋىلىنى كەينىدىن ئالدىغا دەپ بېرەلەيدىغان بولغان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان