باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

قەلبىمدىكى ئۇستاز

ئايشەمگۈل ئوسمان

      دۇنيادىكى بارلىق ئۇستازلار ئىنتايىن قەدىرلىك ۋە ئۇلۇغ. ئۇستازىم دىلبەر مۇئەللىممۇ ئەڭ سۆيۈملۈك ئۇستازلارنىڭ بىرى.

      دىلبەر مۇئەللىم ھەر كۈنى پاكىز، رەتلىك، يارىشىملىق ۋە ئاددىي – ساددا كىيىنىپ مەكتەپكە كېلىدۇ. ئۇنىڭ گىرىمسىز كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇرىرىدۇ. بىرەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىساق ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن بىزگە ياردەم بېرىدۇ. بۇنداق چاغلاردا مەن ئۇنى مېھرىبان ئانامغا ئوخشىتىمەن.

دىلبەر مۇئەللىم ئەزەلدىن دەرسكە كېچىكىپ باققان ئەمەس. ئۇ ئاغرىپ قالسىمۇ بەرداشلىق بېرىدۇ. بەزىدە ئۇنىڭ بور توزانلىرى ئارىسىدا قېقىلىپ كەتكىنىنى، ئىشخانىسىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ دۆۋە – دۆۋە تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، تەنەپپۇس ئارلىقىدىمۇ ماتېرىيال كۆرۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەم ئۇنىڭغا: ‹‹مۇئەللىم، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ، بىردەم بولسىمۇ ئارام ئېلىڭ›› دېگۈم كېلىدۇ.

      4 – يىللىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىم ئىدى. ماتېماتىكا دەرسىگە ئالاھىدە قىزىقساممۇ ئەمما جۈرئەتسىزلىكىمدىن ئاكتىپ پىكىر قىلالمايتتىم. مۇئەللىم بىرەر مەسىلىنى ئىشلەشكە بۇيرۇسا ئەڭ بۇرۇن توغرا ھېسابلاپ بولساممۇ مۇئەللىمگە كۆرسەتمەي جىمجىت ئولتۇرۇۋالاتتىم. شۇ ۋەجىدىن ماتېماتىكا نەتىجەم ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ ھېچكىم پەرۋا قىلمايتتى. بىر كۈنى دىلبەر مۇئەللىم بىزگە ‹‹مېنىڭ ئارزۇيۇم›› دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىش تاپشۇرۇقى بەردى. مەن ماقالەمدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغۇم بارلىقىنى، ئەمما بەك جۈرئەتسىز بولغاچقا بۇ ئارزۇيۇمنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى بايان قىلدىم. ئەتىسى ئويلىمىغان يەردىن دىلبەر مۇئەللىم مېنى بىر سائەت ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى. دەسلەپتە سەل ھودۇققان بولساممۇ ئەمما دىلبەر مۇئەللىمنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن دەرسنى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتۈم. ساۋاقداشلىرىممۇ ماڭا قايىل بولدى. شۇ ئىشتىن كېيىن مەن جۈرئەتلىك بولدۇم.

(ئاپتور يوپۇرغا ناھىيەلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 8 – يىللىق 3 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر