باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

بالىغا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاپ بەرسە مىجەزى ياخشىلىنىدۇ

      شىۋېتسىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بالىغا بوۋاق ۋاقتىدا تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاپ بېرىلسە چوڭ بولغاندىن كېيىن نورمالسىز ئىش – ھەرىكەتلىرى مەسىلەن: ئەسەبىيلىشىش، تىت – تىت بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىدىكەن.

      شىۋېتسىيە مۇتەخەسسىسلىرى 285 بوۋاقنى تەكشۈرگەن، بۇ بوۋاقلار ئالتە ھەپتىلىك بولغاندىن باشلاپ مۇتەخەسسىسلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى بار بولغان ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ئۇرغان. يەنە بەزىلىرىگە تەركىبىدە تۆمۈر ماددىسى يوق بولغان ئوكۇلنى ئۇلار ئالتە ئايلىق بولغىچە ئۇرغان. بۇ بوۋاقلار ئۈچ ياشقا كىرگەندە تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلارنىڭ ئەھۋالى بىلەن بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بولغان 95 بالىنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن ئەقلىي ئىقتىدار جەھەتتە بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرقنىڭ يوقلۇقىنى بايقىغان. بىراق تۆمۈر ماددىسى تولۇقلانمىغان بىر گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ ئىچىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكرەك بولغان بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولىدىغان ئىش – ھەرىكىتىدىن مەسىلە كۆرۈلۈش نىسبىتى %13، ئەمما تۆمۈر مادددىسى تولۇقلانغان بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ئىش – ھەرىكىتىدە مەسىلە كۆرۈلۈش نىسبىتى ئاران %3 بولغان.

      تەتقىقاتچىلار بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بەدەن ئېغىرلىقى يېنىك بولغان بالىلارنىڭ بەدىنىدە ئاسانلا تۆمۈر ماددىسى كەملەپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە تۆمۈر ماددىسى كەملىك بالىلىق مەزگىلىدە ئىش – ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇشنى پەيدا قىلىدىغان بىر تۈرلۈك بىۋاسىتە ئامىل ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا بوۋاقلارغا ئادەتتە تۆت ئايلىقتىن ئالتە ئايلىققىچە بولغاندىن تارتىپ ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى ئارقىلىق تۆمۈر ماددىسى تولۇقلىنىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بەدەن ئېغىرلىقىدىن يېنىك بولغان ياكى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاقلارنىڭ تۇغۇلغاندىن تارتىپ، قېنىدىكى تۆمۈر ماددىسىنىڭ مىقدارىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈش ۋە ۋاقتىدا تۆمۈر ماددسى تولۇقلاش كېرەك.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي