باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

قارا يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى

      قارا چىلان: ئاساسلىقى قان تولۇقلايدۇ. بۆرەك بىلەن ئاشقازان ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭ يەنە قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، ئورگانىزملارنى جانلاندۇرۇش، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار.

      قارا گۈرۈچ: ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھۈجەيرىلەرنى زىيانغا ئۇچراشتىن ساقلايدۇ.

       قارا پۇرچاق: تەركىبىدە مول ئامىنو كىسلاتاسى بولۇپ، يىرىڭ ھەم زەھەرنى تازىلايدۇ، ئىششىقنى ياندۇرۇپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. قارا پۇرچاقنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، يۇقىرى قان بېسىمى، يۇقىرى قان ئاقسىلى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      قارا قېرىنقۇلاق: ئۆپكىنى تازىلاپ، ھۆللۈكنى ھەيدەيدۇ، ئاشقازاننى تازىلايدۇ. دائىم ئىستېمال قىلغاندا قان تولۇقلىغىلى، قاننى جانلاندۇرغىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

      قارا كۈنجۈت: قارا كۈنجۈتنى دائىم ئىستېمال قىلغاندا قان تولۇقلىغىلى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرغىلى، جىگەرنى ياخشىلىغىلى، چاچنى ئاسراپ قارايتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

      قارا ئۈزۈم: قارا ئۆزۈمنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ھەم ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش رولى زور بولۇپ، ئىستېمال قىلغاندا پوستىنى سويۇۋەتمەسلىك كېرەك.

      قارىقات: قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، زەھەر قايتۇرىدۇ، يەللىك بوغۇم ئاغرىقى، قان ئازلىق، سۇلۇق ئىششىق، بوغۇم ئاغرىقى، شامال دارىش، يۆتەل، ئېغىز ھەم كېكىردەك كېسەللىكلىرىگە ئۈنۈمى ياخشى.

      قارىئۆرۈك: ئىچ سۈرۈش، يۆتەل، سوغۇق تەرلەشلەرگە ئۈنۈمى ياخشى. ئۈچەيدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۆلتۈرىدۇ، چارچاشنى تۈگىتىدۇ، ئېغىز پۇراش، مەستلىكتىن يېشىلىشكە پايدىلىق.

      پەمىلچاي: قېنىق پەمىلچاي ئىچىش جىددىي ھەرىكەتتىن كېيىنكى مۇسكۇل ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ، يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى››دىن ئېلىندى تەھرىر: مېھراي