باش بەت | ئۆرپ – ئادەت

 

چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر

 ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

      بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك ئەسىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا قەدىمكى ئۇيغۇر ئېتنولوگىيەلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان چاچ مەدەنىيىتىمىزگە، بولۇپمۇ قەدىمقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز – چوكانلىرىمىزنىڭ چاچ قويۇش، چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە چاچ مەدەنىيىتىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

      مەلۇمكى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا، خەلقىمىز ناھايىتى قەدىمدىلا ئۆزىگە خاس چاچ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مەسىلەن، 2002 – يىلى لوپنۇردىكى كىچىك بۇرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە خاس قەبرىلەردە ياتقان ئانىلارنىڭ قوڭۇر رەڭلىك چاچلىرى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ئۆرۈلگەن ۋە يېلىم چېپىلغان بولسا، چەرچەندىكى3000 يىللىق تارىخقا ئىگە زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن. پىچان ناھىيەسىدىكى سۇبېشى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپاندىكى قارا غوجا، ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 2000 – 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى ھەرخىل ئۆرۈلگەن، تارالغان ۋە يېلىملار چېپىلىپ ئالاھىدە ئاسرالغان. دېمەك، ئەجداد ئانىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ھەرخىل شەكىلدىكى گۈزەل چاچلارنىڭ ئۆزىگە بىرخىل روھىي ئازادىلىك بېغىشلايدىغانلىقىنىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن.

      چاچ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئەقلىي تەپەككۈرگە ئىگە ھەرقانداق ئايال چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىدىغان ۋە چاچ گۈزەللىكىنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا، چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىش قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلۈپ قالمىغان ۋە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. چاچ مەدەنىيىتى ئاياللارنىڭ چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ چاچ شەكىللىرى ئۆز خاسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىزدىكى چاچ تۈرلىرى مۇنداق: قىرىق تال ئۆرۈمە چاچ. قىزلارنىڭ چېچى ئۇلار توققۇز ياشتىن ئېشىپ نىكاھلانغىچە ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىلىپ، چاچ ئارقىغا تارىلىپ، 40 تال (بەزىدە 41تال) ئۇششاق ئۆرۈلۈپ، پېشانىسىگە ماڭلاي چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ قىزلىق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چاچنى 40 تال ئۆرۈش ‹‹40 سان خاسىيىتى›› چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى شەكىل بولۇپ، قىزلارنىڭ چېچىنىڭ توم ۋە قويۇق بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

      چوكان چاچ. قىز نىكاھلىنىپ تويىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، ئەسلىدىكى 40 تال ئۆرۈمە چېچى 15 ،17 ،21 تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ چوكان چاچ دېيىلىدۇ. چوكان چاچنىڭ ئۈچ خىل ئۆرۈلۈشى تويى بولغان قىزنىڭ يېشىنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. يەنى 15 ياشتىن ھالقىغان، 17 ياشقا توشمىغانلارنىڭ 15 تال، 17 ياشتىن 20 ياشقىچە بولغانلارنىڭ 17تال، 20 ياشتىن ئاشقانلارنىڭ 21 تال ئۆرۈلىدۇ.

      تۆت ئۆرۈمە چاچ. چوكانلار تۇنجى پەرزەنتىنى تۇققاندىن كېيىن، بالىسىنىڭ ‹‹قىرىق سۈيى›› ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈنى چېچى تۆت تال ئۆرۈلىدۇ. بۇ ‹‹چاچ قوشماق تويى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تۆت تال ئۆرۈلگەن چاچ پەرزەنتلىك ئاياللارنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ.

جۇۋان چاچ. چوكانلارنىڭ توي قىلغىنىغا توققۇز يىل توشقان كۈنى‹‹جۇۋان تويى›› ئۆتكۈزۈلۈپ، چېچى ئىككى تال ئۆرۈمە شەكلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. بۇ شۇ ئايالنىڭ ۋايىغا يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

      چۇپۇر چاچ (ئۆچكە چۇپۇرىدىن قىلىنغان سۈنئىي چاچ). يالغان چاچ سېلىشمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرخىل پەردازلىنىش ئۇسۇلىدۇر. ئاياللار چېچىنىڭ ئۇزۇن ياكى توم بولۇشىنى بىر خىل گۈزەللىك ۋە جەزىبىدارلىقنى ئاشۇرۇش ۋاسىتىسى ھېسابلايدۇ. چېچى شالاڭلار يالغان چاچ سېلىش ئارقىلىق چېچىنى توم ۋە ئۇزۇن قىلىۋالىدۇ . ئەجدادلىرىمىز چاچ گۈزەللىكىنى ئاياللار گۈزەللىكىنىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى قىلىپ كەلگەچكە ، ئاياللار چېچىنى ئاسراشقا، چاچلىق بولۇشقا، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا شالاڭ چاچنى تولۇقلاش ئېھتىياجىدىن چۇپۇر چاچ بارلىققا كەلگەن.

      كوكۇلا چاچ. قىز بالا ئۈچ ياشتىن توققۇز ياشقا كىرگىچە سېكىلەك چاچ قويۇلىدۇ. پەقەت قۇلاقنىڭ ئۈستى تەرىپى ئاساس قىلىنىپ، باشنىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى چاچ ئۆستۈرۈلۈپ، پېشانە چېچى كۆزىگە چۈشمىگىدەك ئۇزۇنلۇقتا قويۇلۇپ، پېشانىنى يېپىپ تۇرىدۇ. بۇ ئۆسمۈرلۈك چېچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل چاچ شەكلى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىرقىسىم رايونلاردا تۈرلۈك يېڭى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قوبۇل قىلىش داۋامىدا ئىستېمالدىن قېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئايرىم چەت –ياقا رايونلاردا ۋە قىشلاقلاردا ساقلانماقتا.

      بىزدىكى چاچ مەدەنىيىتىگە مىللەتنىڭ ئېتىقادى، سان چۈشەنچىسى ۋە غۇرۇرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئەجدادلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئېستېتىك چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ئادەتلەر 20 – ئەسىرگىچە داۋاملاشقان. ھازىرمۇ چەت–ياقا يېزىلاردا ساقلانماقتا. شەھەرلەردە 40 تال ئۆرۈمە چاچ بىر تالغا، چوكان چاچ ئىككى تال ئۆرۈمە چاچ شەكلىگە قىسقاردى. ھالبۇكى، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››دا ھازىرقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز – چوكانلىرىمىز تېخى بىلمەيدىغان نۇرغۇن چاچ شەكلى ۋە چاچ قويۇش ئادىتى خاتىرىلەنگەن. ئۇلار تەتقىق قىلىشىمىزنى ھەم زامانىمىزدىكى قىزلىرىمىزغا ئەنئەنە تەربىيەسى سۈپىتىدە ئۆگىتىشىمىزنى كۈتمەكتە. ئەنئەنە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى بولغاچقا، ئۇنى تەتقىق قىلىش، يورۇتۇش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەجداد ئادىتىنى ئەۋلاد تۇرمۇشىدا جەۋلان قىلدۇرۇش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى.

  

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر