باش بەت | پىسخىكا

‹‹ئەقىللىق›› بالىلار مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن بەكرەك قاچىدۇ

      ئۇزۇن يىلدىن بېرى، مائارىپتا مودا بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ غورۇرى، ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدىغان نەزەرىيە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان ئىدى. بۇ نەزەرىيە ئوقۇتقۇچىلارنى ئوقۇغۇچىلار مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا ئۇلارنى ماختايدىغان ۋە ئۇلارنى ئېتىراپ قىلىدىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرۈپ، بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى بەرپا قىلغان ئىدى. بىراق ھازىر بارغانسېرى كۆپ ئوقۇتقۇچىلار بەزى ئارتۇقچە، مۇجمەل قۇرۇق ماختاشلار ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزۇن مەزگىللىك ياخشىلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىكەن. ئامېرىكىدا چىقىدىغان ‹‹ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى››نىڭ خەۋىرىدىكى ئەڭ يېڭى پىسخولوگىيە ۋە مېڭە تەتقىقات تەكشۈرۈشىدە مائارىپچىلار ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىق، ئىلمىي ماختىشى كېرەك دەپ كۆرسەتكەن.

      تىرىشمايلا ئېرىشكەن ماختاشلار ئوقۇغۇچىلارغا رەسمىي ياردەم قىلالمايدۇ، قالايمىقان ماختاشنىڭ نەتىجىسى ئوقۇغۇچىلارنى نۇرغۇن مۇھىم ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. يېڭى مائارىپتىكى چىرايلىق سۆزلەر ‹‹قەتئىي بوشاشماسلىق››، ‹‹خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش››، ‹‹مۇھىتقا ماسلىشىش›› قاتارلىقلار بولىشى كېرەك. بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش باسقۇچىدا تېخىمۇ تەر چىقىرىپ تىرىشىشىغا بەكرەك تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

      ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىسخولوگى كالور دىۋېك مۇنداق دېدى: ‹‹بىز بۇرۇن ئىزچىل ئوقۇغۇچىلارغا ئېھتىياجلىق غورۇرنى ئۇلارنى ماختاش ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرەلەيمىز دەپ قارىغان، بىراق ھازىر بۇنداق ئۇسۇلنى قوللانساق نەتىجىنىڭ ئارزۇيىمىزنىڭ ئەكسىچە چىقىدىغانلىقىنى بايقىدۇق››.

      دىۋېك مونتگومېرىي قاتارلىق جايلاردىكى مەكتەپلەردە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىپ ‹‹سەن بەك ئەقىللىق››دەك ماختاشلارنىڭ ئوخشاشلا ئەكس تەسىرى بار ئىكەنلىكىنى بايقىغان. دائىم ‹‹ئەقىللىق›› دەپ ماختىلىپ تۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئۆزىنىڭ ‹‹ئەقىللىق›› دېگەن نامىغا بىر قېتىملىق ۋەزىپە ئورۇنلاش مەغلۇبىيىتى تۈپەيلىدىن داغ يېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، مۇرەككەپ مەسىلىلەردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدىكەن. بىراق تىرىشىپ سىناپ باقىدىغان ۋە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلالايدىغان بالىلار ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنىڭ تۇغما ئەمەس بەلكى، يېڭى بىلىملەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق توپلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىكەن. بۇنداق بالىلار تېخىمۇ بەسلىشىشنى خالايدىغان ۋە تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلارغا ئېرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

      مېڭە رەسىمىدە كۆرسىتىلىشىچە: كىشىلەر يېڭى بىلىملەرنى ئۆگەنگەندە، باش تېرىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىسى ئارىسىدىكى ئالاقە ئاشىدىكەن ۋە مەشق ئارقىلىق بۇنداق ئالاقىنى كۈچەيتكىلى بولىدىكەن. ئالىملار بۇنداق ئالاقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىرىشىشنى خالايدىغان پىسخىكىسىنى قوزغىيالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

 

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: مەۋلان