باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

رەڭلەرنىڭ رولى

      مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا بىرقانچە خىل رەڭنىڭ تۇرمۇشتىكى رولىنى تونۇشتۇردى.

      يېشىل رەڭ ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىدىكەن. يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاندا ياكى بىرەر مەسىلىنى يېشەلمىگەندە يېشىل نەرسىلەرگە قاراپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، يېشىل نەرسىگە قاراپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىسى بولۇپلا قالماي ئادەمنىڭ ئىجادچانلىقىنى قوزغىتىدىكەن. ئەمما، ئۆزى تۇرۇشلۇق مۇھىتنىڭ ھەممىسىنى يېشىل قىلىۋېتىشكىمۇ بولمايدىكەن. پەقەت ئادەمنىڭ تەپەككۇرى تورمۇزلىنىپ قالغاندا دەرەخ قاتارلىق يېشىل نەرسىلەرگە قاراپ بەرسە ئىلھامى قوزغىلىدىكەن.

      قىزىل رەڭ قايناق ھېسسىياتنى قوزغىتىدىكەن. قىزىل رەڭ ئادەمنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىكەن. قىزىل رەڭ ئادەم بەدىنىدىكى ئېپىنېفىرىننىڭ ئاجىرىتىلىشىنى تېزلىتىپ ئادەمنى ھاياجانلاندۇرۇپ، نەپەسلىنىش ۋە يۈرەكنىڭ سوقۇش رىتىمىنى كۈچەيتىدىكەن. شۇڭا، ئۆينى قىزىل رەڭدە بېزەش ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس ئىكەن.

      سېرىق رەڭ ئادەمنى خۇشخۇي قىلىدىكەن. سېرىق رەڭ چوڭ مېڭىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىكەن. سېرىق رەڭگە كۆپ قارىغاندا ئادەم خۇشخۇي، تېتىك تۇرىدىكەن. ئىشخانىنى سېرىق رەڭدە بېزىگەندە خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.

      كۆك رەڭ ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشەيدىكەن. كۆك رەڭ ئادەمنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدىكەن. مېھمانخانا ئۆينى كۆك رەڭدە بېزىگەندە مېھمانلارنى ئازادە مۇھىتتا بەھۇزۇر كۈتۈۋالغىلى بولىدىكەن. ياتاق ئۆينىڭ تېمىنى كۆك رەڭدە سىرلىغاندا ياخشى ئارام ئالغىلى بولىدىكەن.

      ھال رەڭ ئىشتىھانى تۇتىدىكەن. ھال رەڭدە بېزىگەن مۇھىتتا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدىكەن.

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر