باش بەت | يېزىقچىلىق يېتەكچىسى

مەنزىرە تەسۋىرلەش ماھارىتى

 3. مەنزىرىنى تەسۋىرلەشتە سۆز - ئىبارىلەر تەرتىپلىك بولۇش   

      مەنزىرە تەسۋىرلەش – ماقالە يېزىشتا دائىم ئۇچرايدۇ. تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى كۈن ئايلارنىڭ كۆتۈرۈلۈشى، پېتىشى، دەريا، كۆللەر، تاغ، ئورمان دالىلار.... ئىنتايىن گۈزەل، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۇ مەنزىرىلەر ساۋاقداشلارغا چوقۇم ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

      يازلىق تەتىلدە نۇرغۇن ساۋاقداشلار چوقۇم سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىپ، نۇرغۇن مەنزىرىلىك جايلارنى كۆرۈپ، ئاز بولمىغان تەبىئىي مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلاندى، شۇنداقمۇ؟ ئەگەر كۆپچىلىكنى ئۆزۈڭلار كۆرگەن مەنزىرىنى تەسۋىرلەڭلار دېسەك سىلەر قانداق يېزىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر، بىر ساۋاقداش كۈن چىقىش مەنزىرىسىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن، قېنى بىز بىرلىكتە ئوقۇپ باقايلى:

      ‹‹قۇياش چىقتى، بۇ ۋاقىتتا قۇياش ئوتتەك قىزىل بولۇپ، تەرەپ تەرەپكە نۇر چاچاتتى. دەسلىپىدە قۇياش قېنىق قىزىل بولۇپ، يورۇقلۇق يوق ئىدى. كېيىن ئاستا – ئاستا كۆتۈرۈلدى. توپ – توپ ئاق بۇلۇتلار كۈن نۇرىدىن قىزىلغا بويالدى. كۈن نۇرى ئورماندىن، سەھەر تۇمانلىرىدىن ئۆتۈپ، يەر – جاھاننى قاپلىدى. ئاسماننىڭ چېتىدە رەڭگارەڭ بىر ماي بوياق رەسىمنى ئېسىپ قويغانغا ئوخشايتتى. ئەتىگەن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى››.

      كىچىك دوست، سىز بۇ جۈملىنى ئوقۇغاندىن بىرەر نەرسىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ – يوق؟ ئەگەر سىز تەرتىپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ باقسىڭىز، ئەجەبلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. قاراڭ، ››قۇياش كۆتۈرۈلدى، تەرەپ – تەرەپكە نۇر چاچتى، قۇياش نۇرى ئورمانلاردىن، ئۆتۈپ، يەر – جاھاننى قاپلىدى. توپ – توپ ئاق بۇلۇتلار قۇياش نۇرىدىن قىزىل رەڭگە بويالدى، كۈن نۇرى يەر – جاھانغا چېچىلدى‹‹ ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ بۆلەكتىكى سۆزلەر ئىنتايىن قالايمىقان، بۇنىڭدىن بىز شۇنى بىلەلەيمىزكى مەنزىرە تەسۋىرلەپ ماقالە يازغاندا سۆزلەر تەرتىپلىك بولۇشى كېرەك. قانداق قىلغاندا سۆزلەرنى تەرتىپلىك يازغىلى بولىدۇ؟

       (1) ۋاقىت تەرتىپى بويىچە يېزىش. ئەگەر مەلۇم بىر جايدىكى مەنزىرىنى يازماقچى بولساق، بىر يىلنىڭ تۆت پەسىل تەرتىپى بويىچە يازساقمۇ بىر كۈن ئىچىدىكى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە سىزساقمۇ بولىدۇ. مەسىلەن، ئەتىياز، ياز كۈز، قىش ياكى سەھەر، چۈش، كەچ دېگەندەك تەبىئىي مەنزىرىلەرنى يېزىشتا ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى ئۆزگىرىش تەرتىپى بويىچە يازساقساقمۇ بولىدۇ.

       (2) بوشلۇق تەرتىپى بويىچە يېزىش يەنى، مەنزىرە ئورنىنىڭ يۆتكىلىشى بويىچە تەسۋىرلەش. بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانغاندا، چوقۇم كۆزىتىش نۇقتىسىنى توغرىلاش يەنى، قايسى ئورۇندا تۇرۇپ كۆزىتىدىغانلىقىنى توغرىلاش لازىم. ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋال بولىدۇ. بىرى، كۆزىتىش نۇقتىسىنى بەلگىلەپ، ئاندىن مەلۇم ئورۇن تەرتىپى بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگە، سولدىن ئوڭغا، ئوتتۇرىدىن ئەتراپقا، يىراقتىن يېقىنغا قاتارلىقلار، ئەلۋەتتە ئەكسىچە بولسىمۇ بولىدۇ) مەنزىرىنى كۆرسىتىپ تەسۋىرلەش. يەنە بىرى، كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ مەنزىرىنىڭ ئۆزگىرىشىنى يېرىش.

        (3) مەنزىرە تۈرىنىڭ تەرتىپى بويىچە يېزىش. تۆۋەندە بىز يۇقىرىدىكى قۇياشنىڭ چىقىشى تەسۋىرلەنگەن پارچىنى قۇياشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى ئۆزگىرىش تەرتىپى بويىچە يېزىش. تۆۋەندە بىز يۇقىرىدىكى قۇياشنىڭ چىقىشى تەسۋىرلەنگەن پارچىنى قۇياشنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتىكى ئۆزگىرىش تەرتىپى بويىچە رەتلەپ باقايلى:

      ‹‹قۇياش چىقتى، دەسلىپىدە قۇياش قېنىق قىزىل بولۇپ، يورۇقلۇق قىزىرىپ، تەرەپ – تەرەپكە نۇر چاچتى. قۇياش نۇرى ئورمانلاردىن، سەھەر تۇمانلىرىدىن ئۆتۈپ، يەر – جاھاننى قاپىلىدى. توپ – توپ ئاق بۇلۇتلار قۇياش نۇرىدىن قىزىل رەڭگە بويالدى. ئاسماننىڭ چېتىدە، رەڭگارەڭ بىر زور ماي بوياق رەسىمنى ئېسىپ قويغانغا ئوخشايتتى. ئەتىگەن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى››.

ئەمدى بۇ بۆلەكنى ئوقۇسىڭىز، سىزگە چوقۇم تەبىئىي، رەتلىك تۇيۇلۇپ خۇددى كۈن چىققاندىن كېيىنكى مەنزىرىنى كۆرگەندەك بولىسىز. شۇڭا مەنزىرىلەرنى تەسۋىرلىگەندە ئۇلارنىڭ رەت – تەرتىپلىرىنىڭ تەبىئىي ۋە ئېنىق بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.

 

تۇنجى قار

دىلئارام ئابلىز

      يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تالاغا چىقىپ قارىسام، ھاۋا تۇتۇلۇپ ئەتراپنى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ كېتىپتۇ. قاراشتىن ھازىرلا قاتتىق بوران چىقىدىغاندەكلا تۇراتتى. بىردەمدىن كېيىن ئاستا – ئاستا شامال چىقىشقا باشلىدى. شامال بارا – بارا كۈچىيىپ ئەتراپتىكى دەرەخ شامالدا ئىغاڭلاپ خۇددى ئۇسسۇلچى قىزلاردەك ھەر تەرەپكە تولغىنىشقا باشلىدى. شامال بىرنەچچە سائەت چىققاندىن كېيىن پەسلەپ ھاۋا سوۋۇشقا باشلىدى. لېكىن ھاۋا يەنىلا تۇتۇق بولۇپ قار ياغىدىغاندەك قىلاتتى.

      بىردەمدىن كېيىن راستىنلا قار ئۇچقۇنلىرى چۈشۈشكە باشلىدى. مەن بۇنى كۆرۈپ قارنىڭ كۆپرەك يېغىشىنى ئويلىدىم. راستىنلا قار ئۇچقۇنلىرى بارا – بارا چوڭىيىپ خۇددى ئاسماندىن ئاپئاق كېپىنەكلەر ئۇچۇپ چۈشكەندەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىردەمدىلا ئەتراپ ئۈستىگە ئاپئاق تون كىيىۋالغاندەك تۈسكە كىردى. دەرەخلەرمۇ ئاق، يوللارمۇ ئاق، ئېتىزلارمۇ ئاق، مەيدان ۋە ئۆگزىرلەرمۇ ئاق... ھەممە يەر خۇددى ئاپئاق ئۇن چېچىلغاندەك كۆرۈنەتتى.

      قارا توختىدى، قۇياش پارلىدى، ئەتراپتىكى ئاپئاق قارلار خۇددى مەرۋايىتتەك پارقىراپ كەتتى. ھەممە يەر ئاق، ھەممە يەردە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئاپئاق مەرۋايىت. مانا بۇ تۇنجى قار تەبىئەتكە ئاپئاق يۇپۇق ياپقان، زېمىننى ئاپئاق مەرۋايىتقا ئايلاندۇرغانىدى.

      كىشىلەر كەينى – كەينىدىن ئۆيلىرىدىن چىقىشىپ، ھويلا – ئاراملىرىنى سۈپۈرۈشتى. بالىلار بولسا تۇنجى قار شادلىقىغا چۆمۈلگەن ھالدا بىر – بىرىگە قار ئېتىشاتتى، سەكرىشەتتى، قار بوۋايلارنى ياسىشاتتى، تازىلىق ئىشچىلىرى يوللاردىكى قارلارنى بەس – بەس بىلەن تازىلاشقا كىرىشكەنىدى، ھەمەيلەننىڭ چىرايىدىن بىر خىل شادلىق، خۇشاللىق ھەم رازىمەنلىك نۇرلىرى جىلۋىنەتتى. مانا بۇتۇنجى قار ئېلىپ كەلگەن شادلىق ئىدى

 

 

مەنبە: ‹‹ماقالە يېزىش يېتەكچىسى›› دىن ئېلىندى تەھرىر: مىھراي