سۈرەتتە: ھەيۋەتلىك قىزىل ئالۋاستى قەلئەسى.
قىزىل ئالۋاستى قەلئەسى - باي ناھىيەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي 60 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاز ئۇچرايدىغان داڭلىق يەر شەكلى بولۇپ، مەنزىرە رايونى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق گاز مەنبەسى قارا قاڭشا 2 - گازلىقى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن، دائىرىسى 6 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. يىراقتىن ئالۋاستى قەلئەسىنى كۈزەتسىڭىز ھەيۋەتلىك بىر ئالۋاستى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئالۋاستى قەلئەسىگە ئىچكىرلەپ كىرسىڭىز ئۇنىڭ ئاجايىپ - غارايىپ غەيرىلىكىنى ھېس قىلىسىز. سان - ساناقسىز چوققىلار تەرەپ - تەرەپتىن ئۆزئارا كېسىشىپ ئادەمگە ئۆزگىچە سىرلىق تۇيغۇ بېرىدىغان تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مەنزىرە رايونى قىياپىتىنىڭ تۇراقسىزلىقى رايون ئىچى – سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
(باي ناھىيەلىك مالىيە ئىدارىسدىن قۇربان مولنىياز تەييارلىغان)