باش بەت | ئاتا – ئانامغا خەت

ئانا مېنى كەچۈر

ئايىمنىسا مىجىت

      ئانا مېنى كەچۈر، مەندەك باغرى تاش، ۋاپاسىز قىزىڭنى كەچۈر! ئانا، سەن شۇنچە ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان ئىدىڭ، مەن بۇنى خاتا چۈشىنەتتىم، تەربىيەلىرىڭنى ئاڭلىمايتتىم، ھەر ۋاقىت سېنى قاقشىتاتتىم، سېنى ئەندىشىگە سالاتتىم. سېنىڭدىن بىزار بۇلاتتىم، ھەقىقەتەن سەن بىلەن قېرىشاتتىم. ئەمما، سەن يەنىلا مېھرىبان ئىدىڭ. ئەي ئانا، مېنى كەچۈر ! ئەقىلسىز قىزىڭنى كەچۈر! ئانا مەن بۇنى كىچىكىپ ھېس قىلغان ئىدىم. ئويلاپ باقسام ئانا قەلبىدىنمۇ پاك گۈزەل بىر قەلب ھېچ يەردە يوق ئىكەن. ئانا، سېنىڭ قەلبىڭ شۇنچىلىك سۈزۈك، شۇنچە بىپايان دېڭىزغا ئوخشايدىكەن. ئانا مېنى كەچۈر! مەندەك ئەقىلسىز قىزىڭنى كەچۈر! مەن ھەقىقەتەن پۇشايمان قىلدىم. ئانا، بۇنىڭدىن كېيىن سېنى ھەرگىز خاپا قىلمايمەن، سېنى ھەرگىز رەنجىتمەيمەن.

     مېنى كەچۈر ئانا!

(ئاپتۇر قاراقاش ناھىيەسى تۈۋەت يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇقۇغۇچىسى)

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: رەيھانگۈل