باش بەت | تەربىيەچىلىرىمىز

‹‹توخۇلا››دىكى مۇنەۋۋەر باغۋەن

مۇساجان ياسىن

      باغۋەننىڭ ئەجرى ياشارغان تاللاردا كۆرۇنسە، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەجرى قەلبلەر تۆرىدە مېۋە بىرىدۇ. جەمئىيتىمىزدە ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش يولىدا جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ئاز ئەمەس ئۇلار ھامان خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىكى مەڭگۈ قەدىرلىك كىشىلەر.

      ئۇنسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، ئىدىيە – ئەخلاق مۇدىرى، ياش باغۋەن ياسىنجان توخنىياز توغراق ئەنە شۇنداق بارلىقىنى ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت جاپالىق، ھەم شەرەپلىك ئىشقا بېغىشلاپ، خەلقىمىزنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ياش باغۋەنلەرنىڭ تىپىك ئۈلگۇسىدۇر.

 

سۈرەتتە: ياسىنجان توخنىياز توغراق كىتاب كۆرمەكتە.

      1990 – يىلى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ ئومۇمىي پەن كەسپىنى ئەلا نەتىجە بىلەن، پۈتتۇرگەن ياسىنجان توخنىياز توغراق شۇ يىلى 9 – ئايدا ناھىيە مەركىزىدىن 62 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قاتنىشى قولايسىز، تۇرمۇش شارائىتى ناچار توققۇز يىللىق تۇزۇمدىكى تاغلاق چارۋىچىلىق مەيدانى مەكتىپىگە تەقسىم قىلىندى. ياسىنجان توخنىياز توغراق جاپالىق شارائىتتا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، سەبىئىي بالىلار ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلدى. ھېيت - بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئائىلىسىگە قايتماي، دەرىستە يېتىشەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلىدى ۋە  ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى.

      ياسىنجان توخنىياز توغراق 1997 – يىلى 7 – ئايدا ناھىيە بازىرىغا يېقىن توخۇلا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەكلىپ قىلىدى. ئۇ بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنمۇ پىشقەدەملەرنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى،  ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇپ ھەربىر سائەتلىك دەرسنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىزىقىشى بويىچە ناھايىتى ئەستايىدىل، پۇختا تەييارلىدى. ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئۈچۈن يېڭىچە ۋە ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەندى. بۇنىڭ بىلەن تېزلا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى.

     ئۇنىڭ ئىجادىيىتى 1986 – يىلى ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ‹‹مەكتىپىم›› دېگەن شېئىرى بىلەن باشلانغان، ھازىرغىچە 350 پارچە شېئىر، نەسىر، ماقالە، 1500 پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر - ماقالىسى، ‹‹ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان ساپا›› قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىسى ‹‹شىنجاڭ مائارىپ›› گېزىتى قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. ياسىنجان توخنىياز توغراق ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى ۋە ‹‹شىنجاڭ مائارىپ›› گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

     ياسىنجان توقنىياز توغراق 20 نەچچە يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا مەكتەپ، يېزا، ناھىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتىم ‹‹مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى›› ،‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۆلگىلىك شەخس›› دېگەن ناملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.

(ئاپتور قاغىلىق ناھىيەسى چوپان يېزىسىدىن)
 
مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: رەيھانگۈل