باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

ئۇنتۇلماس سەھەر

 ئەلفىرە ئالىمجان 

      تاڭ ئېتىشى بىلەن قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى مېنى شېرىن چۈشتىن ئويغاتتى. مەن ئاپام تەييارلاپ قويغان مەززىلىك تاماقلار بىلەن ناشتا قىلىۋالغاندىن كېيىن قىزىل گالىستۇكۇمنى بوينۇمغا چىگىپ، ۋېلىسپىتىمنى ھەيدەپ مەكتەپكە ماڭدىم. مەھەللىمىزدىكى كېلىنلەرنىڭ ھويلا – ئاراملارغا چاچقان سۇلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن توپىنىڭ مەزىلىك پۇرىقى مەھەللىنى بىر ئالغانىدى. كۆپكۆك ئاسمان، باھارنىڭ مەيىن شامىلى ماڭا چەكسىز ھۇزۇر ئاتا قىلدى.

      ‹‹قىزىل بوران›› (ۋېلىسپىتىمگە شۇنداق نام قويۇۋالغانىدىم)نى ھەيدەپ چوڭ يولغا چىقسام ماشىنىلار كۆپ ئىكەن. مەن ماشىنىلار بىلەن يول تالىشىپ ‹‹قىزىل بوران››نى ناھايىتى تېز ھەيدىدىم. توساتتىن ئالدىمدىكى ئايلانمىدىن بىر يۈك ئاپتوموبىلى چىقىپ ماڭا قاتتىق سىگنال بەردى. سۈرئىتىم ناھايىتى تېز بولغاچقا ئۆزۈمنى توختىتالماي يول بويىدىكى دەرەخلىككە كىرىپ كەتتىم. ئورنۇمدىن تۇرسام كىيىملىرىم يىرتىلىپ كېتىپتۇ. ‹‹قىزىل بوران››نىڭمۇ چاقلىرى ئېگىلىپ زەنجىرلىرى ساڭگىلاپ قاپتۇ. تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى مەندىن ئىككى مېتىر يىراقلىقتا بىر بىچارە كەپتەر جان تالىشىپ ياتاتتى. ئەسلىدە مېنىڭ سەۋەنلىكىمدىن كەپتەر ئۈركۈپ ماشىنىغا سوقۇلۇپ كەتكەنىكەن. مەن ئاستا كەپتەرنىڭ يېنىغا كەلدىم. كەپتەر ماڭا ‹‹ئاستا ماڭساڭ بولمامدۇ؟ سېنىڭ سەۋەبىڭدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم. ئەمدى بالىلىرىم قانداق قىلار؟›› دېگەندەك بىر قاراپ قويۇپلا جىمىپ كەتتى. يۈرىكىمنى پىچاق تىلغاندەك ئىنتايىن بىئارام بولدۇم. بىچارە كەپتەرنى ئاۋايلاپ قولۇمغا ئېلىپ يوپۇرماقلار بىلەن ئوراپ كۆمۈپ قويدۇم. نەچچە كۈنگىچە كەپتەر كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ بەكمۇ ئازابلاندىم. شۇ ئىشتىن كېيىن ۋېلىسىپىت مىنگەندە ئاستىراق ماڭىدىغان، ماشىنىلار بىلەن يول تالاشمايدىغان بولدۇم. ۋېلىسپىتىمنىڭ ئىسمىنىمۇ ‹‹مەيىن شامال››غا ئۆزگەرتىۋەتتىم.

(ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپ 9 – يىللىق 2 – سىنىپتا)

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئىلمىنۇر