باش بەت | ئەدەبىي ئەسەرلەر

كىتابخانىدا

(ھېكايە)

ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار

      كىتاب ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. ئىشىك سىرتىدا كىمدۇر بىرىنىڭ ‹‹مۇشۇ يەر شۇمۇ؟!›› دېگەن ئاچچىق ئاۋازى خۇددى تۇيۇقسىز چىققان بوراندەك دىققىتىمنى بۆلدى، سىرتقا قارىدىم. شۇ ئارىدا كىتابخانامغا بىر جۈپ ئەر – ئايال ۋە ئىككى بالا كىردى. ئەر ئېگىز بويلۇق، قارامتۇل، كېلىشكەن كىشى بولۇپ كىيىنىشى ۋە ھەرىكىتىدىن سىپايىلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئايال ئوتتۇرا بوي، قاپقارا چاچلىق، ئورغاق قاشلىق بولۇپ پېشانىسى كەڭ، چىرايى قاشتېشىدەك سۈزۈك ئىدى. ئۇچىسىغا كىيىۋالغان تۈلكە قامىلىق پەلتۇسى ۋىجىك بوي – بەستىگە خوپ ياراشقانىدى. بالىلارنىڭ بىرى ئون ئۈچ ياشلاردا، يەنە بىرى توققۇز ياشلاردا بولۇپ ئۇلار خۇددى سار ئالدىدىكى چۈجىلەردەك شۈمشىيىپ تۇراتتى. ئايال يېنىمغا كەلدى ۋە:

      — تۈنۈگۈن بىزنىڭ ماۋۇ بەز قۇلاق بۇ كىتابنى ئاپتىكەن، بىراق ئۆزىگە ماس كەلمەيدىكەن. باشقىسىغا ئالماشتۇرۇپ بەرگىلى بولارمىكىن، — دېدى ‹‹ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى›› دېگەن كىتابنى ماڭا سۇنۇپ. كىتابنى قولۇمغا ئالدىم. كىتابقا ئىسىم يېزىلىپ ئۆچۈرۈۋېتىلگەنىدى. قائىدە بويىچە ئالماشتۇرۇپ بەرگىلى بولمايتتى.

      — ماقۇل، — دېدىممەن. ئۇلار كىتاب تاللاشقا باشلىدى، لېكىن بىرلىككە كېلەلمىدى.

      — ئاپا، كىتابنى سەن ئوقۇمسەن ياكى مەنمۇ؟ ئۇنى ئالساممۇ بولمىسا، بۇنى ئالساممۇ بولمىسا، قانداق كىتاب ئالىمەن؟

      — مەن تاللاپ بەرگەن كىتابنى ئالىسەن. ئايال شۇنداق دېگىنىچە باھاسى بىر يۈەن ئالتە مولۇق يەسلى بالىلىرىنىڭ كىتابىدىن بىرنى كۆتۈرۈپ كەلدى. مەن سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ:

      — بۇ بالىڭىزغا ماس كەلمەسمىكىن، — دېيىشىمگە ئۇنىڭ چېقىر كۆزلىرى ماڭا مىختەك قادالدى ۋە:

      — بۇ ماڭقا مۇشۇنى ئوقۇيالىسىمۇ چوڭ گەپ، ھازىر تاپشۇرۇقىنى ئىشلەپ بولالمىغان يەردە كىتاب ئوقۇشنى كىم قويۇپتۇ؟ — دېدى ۋە كىتابنى ماڭا ئۇزاتتى.

      — باشقا كىتاب ئالمامسىلەر؟ — دېدىممەن.

      — ياق، ئاشقان ئون يەتتە يۈەن تۆت مونى قايتۇرۇپ بەرسىڭىزلا بولدى، — دېدى ئۇ كەسكىنلىك بىلەن. مەن شۇندىلا بۇ ئايالنىڭ كىتاب پۇلىنى قايتۇرۇۋالغىلى كەلگەنلىكىنى بىلدىم – دە بايا ئۇلار ئالماشتۇرۈش ئۈچۈن ئەكەلگەن كىتابقا قايتا قارىدىم. ئۇنىڭ ئىچ بېتىگىمۇ گۈل سىزىلىپ ئۆچۈرۈلگەنىدى.

      — كەچۈرۈڭلار، كىتابنىڭ ئىچىگىمۇ سىزىلىپتۇ، شۇڭا ئالماشتۇرۇپ بېرەلمەيمەن، — دېدىم ئۇلارغا رەسىم سىزىلغان جاينى كۆرسىتىپ. ئايال كىتابقا بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كېيىن بالىسىغا قاراپ:

      — ھەي ئەقلى دۈمبىسىگە چىقىپ قالغان كالۋا، كىتابتىن بىرەر بەت ئوقۇمايلا گۈل سىزغىنىڭ نېمىسى؟ سەن پۇل بۇزۇشتىن باشقىنى بىلمەيسەن زادى! قاچانلا قارىسا كىتاب ئالغان، — دېگىنىچە ئۇنى دۆشكەللىگىلى تۇردى. بالا گۇناھكارلارچە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تۇراتتى. بالىنىڭ دادىسى بىر نەرسە دېگۈسى باردەك بىردە بالىغا، بىردە ئايالىغا قارايتتى، كىچىك ئوغلى كىرپىدەك تۈگۈلۈپ قالغانىدى.

      — ھەي دەلدۈش، نامازشام توخۇسىدەك مۈگىدەپ تۇرماي گەپ قىل دەۋاتىمەن! — دېدى ئايال چالۋاقاپ.

      — ئاپا، مەن پۇلنى قانداق بۇزۇپتىمەن؟ كىتاب ئالدىم، ئوقۇدۇم. سىزدەك يېڭى چىقىپتۇ دەپ نەچچە كۈندە بىر پىلاستىنكا سېتىۋالمىدىم، يەنە ئىككى كۈندە بىر چېيىم بار دەپ رېستۇرانغا...

      چاڭڭىدە تەگكەن تەستەكتىن بالا تۇرۇپلا قالدى. ئۇنىڭ يۇمران يۈزىگە بەش بارماق خۇددى نان يۈزىدىكى چەككۈچتەك ئىز قالدۇرغانىدى. بالىنىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى. مەن چىداپ تۇرالمىدىم.

      — بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ بالىڭىز بىر ئوبدان كىتابنى تاللاپتۇ، كىتاب ئوقۇش ياخشى ئىشقۇ؟ — دېدىم.

      — ھە، توغرا دەيلا غوجام، يانچۇقلىرىغا ئون توققۇز يۈەن پۇل موككىدە كىرگەندىكىن ئەلۋەتتە ياخشى بولىدۇ – دە! ئايال شۇنداق دېگىنىچە ئىشىكنى جالاققىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى. كىچىك بالىسىغا: ‹‹سەنمۇ پۇل بۇزۇپ ئاكاڭدەك كىتاب ئالساڭ پاچىقىڭنى چېقىۋېتىمەن!›› دېگىنىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغاندەك غەش بولۇپ قالدى. چىرايى قاشتېشىدەك سۈزۈك بولسىمۇ روھى گۆردەك قاراڭغۇ بۇ ئايالنىڭ دىلىغا ئاقلىق تىلىدىم.

(ئاپتور قاراقاش ناھىيەلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە)

  

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر