باش بەت | پەزىلەت گۈلىستانى

سەۋەبسىزلا باشقىلاردىن ئاغرىنماڭ

      بىر دوختۇر جىددىي ئوپېراتسىيە بارلىقى توغرىسىدا بېرىلگەن تېلېفوننى ئېلىپلا، ئەڭ تېز سۈرئەتتە دوختۇرخانىغا يېتىپ كەپتۇ. ئۇ ئەمدىلا ئوپېراتسىيەخانىنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە، ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان بالىنىڭ ئاتىسى ئۆزىنى كونترول قىلالماي دوختۇرغا: — نېمانچە كېچىكىپ كېلىسىز؟ سىز ئوغلۇمنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى بىلەمسىز، — دەپتۇ.

      دوختۇر كۈلۈپ تۇرۇپ: — مېنى كەچۈرۈڭ، مەن بايا دوختۇرخانىدا ئەمەس ئىدىم، بىراق تېلېفوننى ئېلىپلا ئەڭ تېز سۈرئەتتە يېتىپ كەلدىم. ھازىر مەن سىزنىڭ تىنچلىنىۋېلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇنداق بولغاندا مەنمۇ خىزمىتىمنى ياخشى ئىشلىيەلەيمەن — دەپتۇ.

      — تىنچلىنىڭ؟ ئەگەر ئوپېراتسىيەخانىدا ياتقىنى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولغان بولسا، سىز تىنچلىنامتىڭىز؟ ئەگەر ئوغلىڭىز ھازىر ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، سىز قانداق قىلغان بولاتتىڭىز؟ — دەپ ۋارقىراپتۇ بالىنىڭ ئاتىسى ئاچچىقىنى باسالماي.

      — دوختۇر ھاياتلىقنى داۋاملاشتۇرالمايدۇ، مۇھىمى سىز ئوغلىڭىزنىڭ ئامانلىقىنى تىلەڭ.

      — بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئۆلۈپ – تىرىلىشى بىلەن كارى بولمىغاندىلا، ئاندىن مۇشۇنداق پىكىرلەرنى بېرىدۇ، — دەپ ئۆز – ئۆزىگە قاقشاپتۇ بالىنىڭ ئاتىسى نارازىلىق بىلەن.

      نەچچە سائەتتىن كېيىن ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق ھالدا تۈگەپتۇ. دوختۇر ناھايىتى خۇشال ھالدا ئوپېراتسىيەخانىدىن چىقىپ بالىنىڭ ئاتىسىغا: — بالىڭىز قۇتقۇزۇۋېلىندى، باشقا ئىشلارنى سېسترادىن سورىسىڭىز بولىدۇ، — دەپلا كېتىپ قاپتۇ.

      بالىنىڭ ئاتىسى ناھايىتى نارازىلىق بىلەن: — ئۇ نېمانچە ھاكاۋۇر، ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ باقماقچى ئىدىم، ئۇ ھەتتا نەچچە مىنۇتمۇ ساقلىيالمامدىكەن؟ — دەپ سوراپتۇ سېسترادىن.

      سېسترانىڭ كۆز يېشى تاراملاپ ئېقىشقا باشلاپتۇ ھەم: — ئۇنىڭ ئوغلى تۈنۈگۈن قاتناش ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتكەن. بىز ئۇنىڭغا كېلىپ ئوغلىڭىزنى ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئۇقتۇرۇپ تېلېفون قىلغان چېغىمىزدا ئۇ قەبرىستانلىققا ماڭغانىكەن. ھازىر ئوغلىڭىز قۇتقۇزۇپ قېلىندى، شۇڭا ئۇ ھازىر ئوغلىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ماڭدى... — دەپتۇ.

      باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىدا نېمە ئىشلار يۈز بېرىۋاتىدۇ؟ ئۇلار ھازىر قانداق جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ بەلكىم بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز بولۇشىڭىز، كۆرۈۋاتقىنىڭىز بەلكىم باشقىلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بولۇشى مۇمكىن.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي