كانادالىق مۇتەخەسسىسلەر تۈنۈگۈن مۇنداق خەۋەر بەردى: ‹‹مولېكۇلىلىق غايىب قىلىش›› ماتېرىيالىنى ياسىدۇق، ئۇ نۇرنى سۇندۇرۇش ئارقىلىق، ئادەمنىڭ كۆرۈش سەزگۈسى، ھەتتا كېچىدە كۆرۈش دۇربۇنىنىمۇ ئالدىيالايدۇ.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ نەتىجە كانادا ۋە ئامېرىكا ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار بۇ خىل ماددىنىڭ لازىر نۇرى ۋە ئىسسىقلىق ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىش ئاپپاراتىنىمۇ ئالدىيالايدىغانلىقىنى دەلىللىدى.