باش بەت | چەت ئەل ئەدەبىياتى

ئىككى كاچات

      بۇرۇن ھىندىستاندا كېلىشكەن بىر شاھزادە ئۆتكەنىكەن، ئۇ ھەر قېتىم ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ چىرايىنى كۆرگەندە، دۇنيادا چىرايلىقتا ماڭا تەڭ كېلىدىغان ئادەم يوق، دەپ ئويلايدىكەن - دە، ئۆمۈربويى توي قىلماسلىق قارارىغا كېلىدىكەن. بىراق پادىشاھنىڭ بىرلا ئوغلى بولغاچقا، ئوغلى توي قىلمايدىغان بولسا، خانلىق ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن. ئۆزىنىڭ گېپىدە تۇرۇۋالىدىغان جاھىل شاھزادە توي قىلىشقا ماقۇل بوپتۇيۇ، توي قىلىش ئۈچۈن ئېغىر ۋە قاملاشمىغان بىر شەرتنى قويۇپتۇ، يەنى مەن بىلەن توي قىلىدىغان قىز ئىككى كاچات بىلەن مېنى ئايلاندۇرۇۋېتەلىسە، مەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىمەن؛ ئىككى كاچات بىلەن مېنى ئايلاندۇرۇۋېتەلمىسە، ئۇ قىزنىڭ تىلىنى كېسىمەن.

      پادىشاھ ئوغلى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ شەرتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، بېشىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ. شاھزادىنىڭ توي قىلىش شەرتى ئوتتۇرىغا چىقىش بىلەن ھەممە ئادەم ھەيران قاپتۇ، بۇ شەرتنىڭ بىمەنىلىكىدىن ئۇنى مازاق قىپتۇ.

      بۇ خەۋەر ئاستا - ئاستا يۇرت ئاتلاپ بېرىپ گرانا دۆلىتىنىڭ مەلىكىسى گرىنىڭ قۇلىقىغا يېتىپتىكەن، ئۇمۇ ھەيران بوپتۇ، بۇ مەلىكىمۇ ئاللىبۇرۇن كۆڭلىدە ئاشۇ شاھزادە بىلەن توي قىلىشقا قەسەم قىلغانىكەن. ئەمما ئۇ بىر نازۇك، يۇمران قىز تۇرسا، قانداقمۇ ئۇ كۈچلۈك شاھزادىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتەلىسۇن؟ بۇ مەلىكىمۇ ئۆزىنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇۋالىدىغان جاھىل قىزلاردىن ئىكەن، ئۇ شاھزادىنىڭ شەرتىنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىكەنلىكى، ئاتا - ئانىسىنىڭ نەسىھىتىگە قارىماي، ئۆزىنىڭ توي قىلىش ئۈچۈن بارىدىغانلىقى توغرىسىدا خەت يېزىپ شاھزادىگە ئەۋەتىپتۇ.

      مەلىكە ناھايىتى تېزلا تەكلىپ قەغىزى تاپشۇرۇۋاپتۇ - دە، شاھزادىنىڭ شەھىرىگە كەپتۇ. پۇقرالار مەلىكىنى كۆرۈش بىلەن تەڭ بىردەك بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ. مۇشۇنداق گۈزەل مەلىكىنىڭ قاراپ تۇرۇپ تىلى كېسىلىپ كەتسە - ھە! ئادەم ئۆلتۈرۈپ خوردا بولۇپ كەتكەن قاتىلنىڭمۇ بۇنىڭغا قولى بارماس! ھەممەيلەن مەلىكىنىڭ قايتىپ كېتىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ، ئەمما مەلىكە گرى كۆپچىلىكنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماپتۇ. مەلىكىنى كۆرۈش بىلەن شاھزادىنىڭ كۆڭلىمۇ بىر خىل بوپتۇ. مۇشۇنداق نازۇك، يۇمران بىر مەلىكە قانداق قىلىپ مېنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتەلەر؟ ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ شەرتىدىن پۇشايمان قىلىغىلى تۇرۇپتۇ. بىراق ئىش مۇشۇ يەرگە يەتكەندە بۇنىڭغا نېمە ئامال بولسۇن؟ كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ بىمەنىلىكىدىن رەنجىپتۇ. شاھزادە ئۆزىنىڭ ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپتۇ، مەلىكە ئۇنىڭ يۈزىگە قاراپ تەپسىلىي كۆزىتىپتىكەن، قارىسا، ئۇنىڭ تەكەببۇرلۇقى تۈگىگەن، بىرىنىڭ ئىشارىتى بىلەن مەلىكە غەزەپ بىلەن قولىنى كۆتۈرۈپ، شاھزادىنىڭ ئوڭ كاچىتىغا بىرنى، ئارقىدىن سول كاچىتىغا بىرنى ئۇرۇپتۇ. نەتىجىدە راست دېگەندەك شاھزادە ئايلىنىپ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇ.

      شاھزادە ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن، شۇ ھامان توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن دۆلەتنى تەنتەنە ساداسى قاپلاپتۇ.

      توي تۈگىگەندىن كېيىن، شاھزادە مەلىكىدىن سوراپتۇ:

      ــ يۈرىكىڭىز نېمانچە چوڭ قانداق قىلىپ توي قىلىش توغرىسىدىكى شۇنچە ئېغىر شەرتنى قوبۇل قىلدىڭىز؟ ئايلىنىپ ئۆرۈلۈپ كەتمىسەم قانداق قىلالاتىڭىز؟

      ــ نېمە ئۈچۈن ئۆرۈلۈپ كەتمەيدىكەنسىز؟ ـ دەپتۇ مەلىكە گرى كۈلۈپ تۇرۇپ، ـ مەن ئۆز كۈچۈمگە ئىشىنىمەن.

      ــ سىز تېخى مېنىڭ ئىككى كاچىتىم ئايلاندۇرۇۋەتتى دەپ ئويلامسىز، ــ دەپتۇ شاھزادە ئاچچىقلانغان ھالدا، ـ مەن قەستەن ئايلىنىپ كەتكەن بولىۋالدىم. قارىسام سىز بەك گۈزەل ئىكەنسىز، سىزگە ئىچىم ئاغرىدى، قاراپ تۇرۇپ تىلىڭىزنى كېسىشكە قولۇم بارمىدى.

      ــ ناھايىتى ياخشى، ـ دەپتۇ مەلىكە گرى كۈلۈپ تۇرۇپ، ــ بىراق، ئايلىنىپ كەتمەيمەن دېسىڭىزمۇ ئايلىنىپ كېتەتتىڭىز.

      ــ نېمە دېدىدىڭىز؟ ـ شاھزادە ئاچچىقلاپ كېتىپتۇ.

      ــ نېمىگە ئاچچىقلايسىز؟ ـ دەپتۇ مەلىكە كۈلۈپ تۇرۇپ، سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپ، ـ ئەھۋال مۇنداق بولغان، ئىشتىن بۇرۇن مەن چۆرە قىزلار ئارقىلىق سىزگە دورا بىھۇش ئىچكۈزۈۋەتتىم بۇ ئىشتىن ئاتا - ئانىڭىزنىڭ خەۋىرى بار. ئويلاپ بېقىڭ، سىز راستتىن ئىككى كاچات بىلەن ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغان بولسىڭىز، مەن سىز بىلەن توي قىلاتتىممۇ؟

      بۇ گەپنى ئاڭلاپ شاھزادە خىجىل بولغىنىدىن بېشىنى تۆۋەن ساپتۇ.

 

مەنبە: چەت ئەل ئەقىل - پاراسەتكە دائىر ھېكايىلىرى تەھرىر: مېھراي