باش بەت | ئەنئەنىۋى ئويۇنلار

‹‹ئاداش ــ ئاداش›› ئويۇنى

      ‹‹ئاداش ــ ئاداش›› ئويۇنى ئوغۇللار  قىش پەسلىدە مەھەللە ـ كوچىلاردا ئوينىلىدۇ. ئويۇن دەسلەپتە ئۈچ بالا تەرىپىدىن باشلىنىپ، بارا ــ بارا زورىيىدۇ.

ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان بالىلار ئارقىمۇئارقا رەتكە تىزىلىپ، بىر ــ بىرىنىڭ دولىسىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، بىر پۇتلاپ تاقلاپ سەكرەپ:

ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟

مۆرەيدىغان كالا بارمۇ؟

بۇ مەھەللىدە بىز بىلەن،

ئاداش بولار بالا بارمۇ؟

      دېگەن قوشاقنى ئېيتىپ، مەھەللە ئارىلاپ باشقا دوستلىرىنى ئويۇنغا چاقىرىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بالىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سەپكە قوشۇلۇپ، ئويۇننىڭ تەرتىپىگە باشتىن ـ ئاخىر رىئايە قىلىدۇ، ھەرقايسى باسقۇچلاردىكى ئويۇن شەكىللىرىگە ماسلىشىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئويۇننى قىزىتىشتا بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشىدۇ. شۇ نۆۋەتلىك ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان بالىلار ئاساسەن قاتارغا قوشۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىردەك:

ئاداش ــ ئاداش بولايلى،

ئالما قېقى شورايلى.

تالىشىپ يەپ بىر ناننى،

دەريا بويى بولايلى.

 

ئاداش ــ ئاداش بولايلى،

ئالما قېقى شورايلى.

ئۇلۇغ سۇنىڭ بويىدا،

بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى.

 

ئاداش ــ ئاداش بولايلى،

نېمە تاپساق تەڭ يەيلى.

ئورتاق بولۇپ ھەر ئىشتا،

گەپ ــ سۆز بولسا تەڭ دەيلى.

*               *

كېلىڭ دوستلار ئوينايلى،

ئاداش ــ ئاداش بولايلى.

بىر نان تاپساق تەڭ يەيلى،

ئايرىلماس دوست بولايلى.

     دېگەن قوشاقلارنى ئۈنلۈك، تەرتىپلىك ئوقۇپ، قوشاق بىلەن بىر پۇتلاپ تاقلاش ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرىدۇ. بۇ ئويۇننىڭ مەزمۇنى كۆپرەك، بالىلارنىڭ ئايلىنىش مۇساپىسى ئۇزۇنراق بولغاچقا، ئويۇن ئارىلىقىدا يېرىم سائەتچە ئارام ئېلىۋېلىش ۋاقتى بولىدۇ، ئاندىن ئويۇن داۋاملىشىپ، بەلگىلەنگەن ئارىلىق ۋە ۋاقىت چېكىگە يەتكەندىن كېيىن ئاخىرلىشىدۇ.

     بالىلار بۇ ئويۇن ئارقىلىق كىچىكىدىنلا ئۇزاق مۇددەتلىك، پۇختا، سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتىش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ، ئەجداتلارنىڭ ‹‹ئۇيۇشقاق››لىق خسلىتىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.

 

مەنبە: ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى تەھرىر: ئىلمىنۇر