باش بەت | چولپانلار

رايونىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى چېلىشىش ھەركىتىدە شەرەپ قۇچقان ئەزىمەتلەر

      ــ مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى شىنجاڭ مىللىيچە چېلىشىش كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى قەھرىمان داۋۇت توغرىسىدا

      كۈرەش ئىبىراھىم

      ئۆتكەن يىلى يىل ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنى رايونىمىزنىڭ مىللىي ئەنئەنىۋى چېلىشىش ھەرىكىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنىڭ يالدامىسى بولۇپ قالدى. چۈنكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ چېلىشىش ماھارىتىدىكى ئەزىمەتلىرى دۆلەت قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان مەملىكەت خاراكتىرلىك كۆلۈمى زور تەنھەرىكەت ماھارەت ۋە ئەنئەنىۋى چېلىشىش يىغىلىشلىرىدا ئەڭ ياخشى نەتىجە ياراتقان مەنزىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى.

      رايونىمىزنىڭ مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان 240 نەپەر تەنھەرىكەتچى 16 چوڭ مۇسابىقە تۈرىنىڭ توققۇزىغا قاتنىشىپ 14 بىرىنچىلىكنى، 21 ئىككىنچىلىكنى ۋە 15 ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چەكسىز خوشاللىق بېغىشلىدى. بۇ نەتىجە چېلىشىش، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىش، چەۋەندازلىق بويىچە 5000 مېتىر ۋە 3200 مېتىرلىق بەيگە، جانبازلىقتىن ئىبارەت ماھارەت تۈرلىرى ۋە دارۋازلىق، چاقپېلەك قاتارلىق ئويۇن كۆرسىتىش تۈرلىرىدە قولغا كەلتۈرۈلدى.

      رايونىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى چېلىشىش تۈرى مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان تۈرلەردىن بولۇپ قالدى. چېلىشىش تىرېنېرلىرىنىڭ يېڭىلىنىشى بولۇپمۇ قەھرىمان داۋۇتتەك ياشلارنىڭ تىرېنېرلىق مۇنبىرىگە قەدەم قويۇشى شىنجاڭنىڭ چېلىشىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىتىپ شىنجاڭ خەلقىنىڭ چېلىشىش مۇنبىرىدىكى ئۈمۈدىنى روياپقا چىقىرىپ شان – شەرەپ قازىنىشقا تۈرتكە بولدى.

      مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىغا قانداق قاتنىشىش، قانداق قىلىپ چېلىشىش ھەرىكىتىدە ئالدىنقى قېتىملىق مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدىن ھالقىش چوڭقۇر ئويلىنىدىغان نوقتا بولغانلىقتىن، تەشكىل چوڭقۇر باش قاتۇرۇپ، جوڭگوچە ۋە رۇداۋچە چېلىشىشتا كۆزگە كۆرۈنگەن پىشقەدەم ماھىرلار ئىچىدىن قەھرىمان داۋۇتنى تاللاپ شىنجاڭنىڭ مىللىيچە چېلىشىش كوماندىسىغا باش تىرېنېر قىلىپ يۆتكەپ 2011 – يىلىدىكى مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېلىشىش تۈرىگە مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى.

      قەھرىمان داۋۇت بىرنەچچە قېتىم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ كۆرگەن ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەننىڭ چېلىشىش كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىپ مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە مول تەجرىبىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا نەتىجە قازىنىشقا تولۇق ئىشەنچ قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى ماھىرلارنى تاللاپ تېزلا تەييارلىق مەشىقىنى باشلىۋېتىدۇ.

     قەھرىمان داۋۇتقا نىسبەتەن ۋاقىت تولىمۇ قىس بولغانلىقتىن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يىمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتەك دەسلەپكى ئىشىنى باشقۇرغۇچى ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى داڭقى چىققان ئەڭ ياراملىق ماھىرلارنى يىغىپ يېپىق مەشىق قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قاتتىق تەربىيەلەپ، ئۇلارنى تۈرلۈك سىناقلاردىن بىرمۇ – بىر ئۆتكۈزىدۇ، تېخنىكىسى ئۆسمىگەن ياكى قاتتىق مەشىققە بەرداشلىق بېرەلمىگەن تەنھەرىكەتچىلەرگە قىلچىمۇ يۈز خاتىرە قىلماي كەلگەن ئورۇنغا قايتۇرۇپ، ياخشىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەربىيەلەيدۇ. ئۇ دائىم مەشىق داۋامىدا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېنىدىن نېرى بارمايدۇ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مەشىق مەيدانىدىكى كۈچى تەڭلىشىپ قالسا ياكى چېلىشىۋېرىپ زېرىكىپ قالسا دەرھال مەيدانغا چۈشۈپلا ئۇلار بىلەن بىرگە مەشىق قىلىپ پاكىۋانلارنىڭ روھىي ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېڭىش تۇيغۇسى ۋە ئىرادىسى ئاشۇنداق قاتتىق مەشىق داۋامىدا بىر – بىرلەپ كۈچىيىشىكە باشلايدۇ.

      قەھرىمان داۋۇت 1991 – يىلى گۇاڭشىدا، 1995 – يىلى كۇنمىڭدا قولغا كەلتۈرگەن ئەلا نەتىجىلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چېلىش كوماندىسىنى باشلاپ نىڭشىيادا ئۆتكۈزۈلگەن مىللىي ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنلىرىدىكى تەجرىبىلىرى ۋە ئۆزىنى تەربىيىلىگەن پىشقەدەم ئۇستازلىرىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، مەملىكەتلىك 9 – نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت يىغىنىغا پۇختا تەييارلىنىۋاتىدۇ.

      چېلىشىش ھەرىكىتى قەھرىمان داۋۇتنىڭ تېنىغا خۇددى ئانا سۈتىدەك سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، ئەڭ قىزغىن سۆيىدىغان بۇ كەسپىنىڭ شېرىن مىۋىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز تېرىشىدۇ. ئۇ يىغىپ مەشىقلەدۈرگەن 10 نەچچە تەنھەرىكەتچىنىڭ ئارىسىدا بىر ئائىلىدىن قوبۇل قىلىنغان ئۈچ ئاكا – ئۇكىمۇ بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە پىداكارلىق بىلەن تۆھپە يارىتىدۇ. خوتەندىن قوبۇل قىلغان تەنھەرىكەتچى تۇرسۇنمەمەت توختىمەمەت مۇسابىقىنىڭ باش قىسىمىدىلا 52 كىلوگىرملىقلارنىڭ دەرىجىسىدە بىرىنچىلىكنى، ئۇنىڭ قېرىندىشى مەمەتتۇرسۇن توختىمەمەت چاۋشەنچە (سېرىم) چېلىشىش مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ كەنچى ئىنىسى روزىتوختى توختىمەمەتمۇ بېيگا (زاڭزۇچە چېلىشىش) تۈرىدە قاتتىق ئېلىشىپ ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ بىر ئائىلە ئوغلانلىرىغا مەنسۈپ ئىككى ئالتۇن، بىر كۈمۈش مېدال مىللىتىمىزنىڭ چېلىشىش مۇنبىرىدە كۆزلەرنى چاقنىتىپ، تۈمەنلىگەن چېلىشىش ھەۋەسكارلىرىنى مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان جەڭگاھقا چاقىرىدۇ.

      قەھرىمان داۋۇتنىڭ بىر قول تەربىيەلىگەن شاگېرتلىرىنىڭ ئىچىدە ئابلاجان مامۇت ئىسمىلىك قەيسەر ھەم چاققان بىر يىگىت بولۇپ، ئۇ چېلىشىش (ئۇيغۇرچە چېلىشىش) تۇرى بويىچە 52 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىگە قاتنىشىپ، بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ مۇشۇ تۈر تەسىس قىلىنغان بىرقانچە قېتىملىق مۇسابىقىدە چېلىشىشنىڭ ئەڭ ئالىي مەرتىۋىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولالماسلىقتەك ئېچىنىشلىق تىراگىدىيە خاتىمە بېرىدۇ. ئابدۇغېنى موللا بېيگا (زاڭزۇچە چېلىشىش) تۈرى بويىچە 87 كىلوگىراملىقلارنىڭ دەرىجىسىگە قاتنىشىپ بىرىچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

      قەھرىمان داۋۇتنىڭ بۇ غالىپ قوشۇنى، بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ موڭغۇلچە چېلىشىش تۈرىدە (بوگ) يەنە قىزلار بىلەنمۇ داڭىق چىقارغانىدى. ئۇيغۇر قىزى پەرىدە بۇ قېتىمقى تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ بوگ (موڭغۇلچە چېلىشىش) تۈرىگە قاتنىشىپ بىرىنچىلىككە ئېرىشىدۇ، پەرىدە يەنە سەلىقە ۋە قارلىغاچ قاتارلىق قىزلار بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ چېلىشىپ، كوللېكتىپ بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرىدۇ. قىزلارنىڭ موڭغۇلچە چېلىشىشى بويىچە مەيدانغا چىققان قېتىمى كۆپ بولسىمۇ بۇنداق ياخشى نەتىجە قازىنىشى تېخى تۇنجى قېتىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ يەنە شىنجاڭلىقلارنى تېخىمۇ بەكرەك خوشال قىلىدىغان ئېلىشىشنىڭ بىر قېتىمى ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: شىنجاڭ تەنتەبىيىسى تەھرىر: ئىلمىنۇر