باش بەت | مەشھۇر شەخسلەر

زۇڭتۇڭنىڭ قىزىدىن زۇڭتۇڭلۇققىچە

      ئالەمدىن ئۆتكەن زۇڭتۇڭ پۇ جىڭيەننىڭ چوڭ قىزى، ھازىر كورىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭ نامزاتى پۇ جىڭكې 19 – دېكابىر كورىيەگە زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلاندى ۋە كورىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئاتىسى 1979 – يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ چىڭۋاتەي (زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى)دىن ئارىدىن 33 يىل ئۆتكەندە ئۇ بۇ يەرگە يەنە قايتىپ كېلىدىغان بولدى.

      كورىيەنىڭ بۇ تۇنجى ئايال زۇڭتۇڭى بۇ يىل 60 ياشقا كىردى، ھازىرغا قەدەر توي قىلمىدى، ئۇنى كورىيەلىكلەر ‹‹ئايال پادىشاھ›› دېسە، چەت ئەللىكلەر ‹‹سانغۇنىنىڭ قىزى›› دەپ ئاتايدۇ.

      ئۇ مۇنداق دېگەنىدى:‹‹پۇ جىڭيەن دەۋرىدىكى ‹باياشاد تۇرمۇش›نى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمەن››. پۇجىڭيەن 1961 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلىدە ئۇرۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان، تەرەققىيات قەدىمى خۇددى توختام سۇغا ئوخشاپ قالغان كورىيە ناھايىتى تېزلا ئېكىسپورت چوڭ دۆلىتىگە ئايلانغانىدى. لېكىن پۇجىڭيەن ئۆزىگە قارشى سىياسىي كۈچلەرنى قاتتىق باستۇرغان، ھەتتا ‹‹ئىنسان ھوقۇقى رېكورتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا يەتمەيدۇ›› دەپ جار سالغانىدى. پۇجىڭكې 2007 – يىلى ئەينى چاغدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى، يېقىندا ئۇ يەنە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن كەچۈرۈم سوراپ مۇنداق دېدى: ‹‹مەن قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتتىم، مەن ئەمدى كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئەينى چاغدا مۇشۇنداق ئازاب تارتقانلارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىشكە تىرىشىمەن››.

       پۇ جىڭكې سىياسىيون ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، شۇنداقلا ئۇ پارلامېنتتىكى داڭدار ئەرباب، لېكىن ھازىرغىچە ھۆكۈمەتتە مەمۇرىي ۋەزىپە ئۆتەپ باقمىغان. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ سايلامدا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇردى. مەسىلەن: ئۇ لى مىڭباك ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مەمۇرىي ھاكىمىيەت مەركىزى سېجوڭ ئاپتونوم شەھىرىنى قۇرۇش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا قارشى تۇردى، زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن كورىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا ئايرودۇرۇم ياساشقا قەسەم قىلدى.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي