باش بەت | بالىلار ساغلاملىقى

ئۈچ ياشلىق بالىلا يېقىننى كۆرەلمىسە نورمالمۇ

      يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى بالىلىرىنىڭمۇ كېيىن يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇش قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ ھەمدە پەرزەنتىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بەزىلەر تەكشۈرتۈپ بولغاندىن كېيىن بالىنىڭ كۆزىنىڭ نورمال كۆرىدىغانلىقىنى بىلىپ خاتىرجەم بولىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۈچ ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ يېقىننى كۆرەلمەسلىك گىرادۇسى 200گىرادۇس ئىچىدە بولسا، ئاندىن نورمال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ كۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل فىزىئولوگىيەلىك يېقىننى كۆرەلمەسلىك ئەھۋالى بارا – بارا نورماللىشىدۇ. ئەگەر ئاتا – ئانا بولغۇچىنىڭ ھەر ئىككىسى يىراقنى كۆرەلمەيدىغانلار بولۇپ، بالىسىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال بولسا، بۇ بالنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردە يىراقنى كۆرەلمەسلىك ئىرسىيەت ئامىلىنىڭ بولۇش مۇمكىنچىلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن، بولمىسا ئۈچ ياشلىق بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال بولمايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال بالىلاردا ياشنىڭ چوڭىشىغا ئەگىشىپ بارا – بارا يىراقنى كۆرەلمەسلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى نورمال ياكى يېقىننى كۆرەلمەيدىغان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ئاتا – ئانا بولغۇچى بالىلىرىغا كۆزنى ياخشى ئاسراشنى ئۆگىتىشى، بولۇپمۇ بالىنىڭ كۆزىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىكى كېرەك.

      كېلىنكىدا بەش ياش ئەتراپىدىكى بالىلارنىڭ يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى گەرچە بالىلىرىنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈشىگە، كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىشىغا ئانچە رۇخسەت قىلمىسىمۇ، بىراق بالىلىرىنىڭ كۈندە ئىككى سائەتتىن كۆپرەك پىيانىنو مەشىق قىلدۇرغۇزىدىكەن. مۇزىكا چېلىشمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان يوشۇرۇن خەۋپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى پىيانىنو چېلىش ۋاقتىنى بەك ئۇزارتىۋەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى باش سىزىقلىق نوتىنى كۆرۈش دائىرىسى بەك كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار نوتىغا قاراپ مۇزىكا چالغاندا ئۇدارغا ئەگىشىش ئۈچۈن نوتىغا تىكىلىپ قارايدۇ، بۇنىڭ ئۆزىمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، يەنە كېلىپ ھازىرقى چالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قۇرامىغا يەتكەنلەرگە قارىتا لايىھەلەنگەن بولغاچقا، بالىلار بويى پاكار بولغانلىقتىن، يېقىن ئارىلىقتا ئولتۇرۇپ يىراقنى كۆرۈش ئۈچۈن كۈچەپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆز چارچايدۇ، بۇمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىىر ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي