باش بەت | ئائىلە تەربىيەسى

بالا خاتالىق ئۆتكۈزگەندە قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار

      بالىنى كېيىنكى قېتىم قىلماسلىققا زورلىماسلىق

      بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئانا ئاچچىقلىنىپ «سەن ماڭا بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىشنى قىلماسلىققا ۋەدە بەر!» دەيدۇ. ئەمما بىردەمدىن كېيىنلا بۇ بالا يەنە خاتالىق ئۆتكۈزسە ئانا ئۆزىنى ئالدىغاندەك ھېس قىلىپ «سەن ئاناڭغا ۋەدە بەرگەنىدىڭغۇ، نېمىشقا يەنە شۇنداق قىلىسەن؟» دەپ بالىنى تىللايدۇ. بۇ ئۇسۇل بالىغا نىسبەتەن ئاكتىپ رول ئوينىماستىن، ئەكسىچە تەسىر بېرىدۇ.

      بالىنى قورقۇتماسلىق

      بالىنى قورقۇتۇش شەكلىدە بالا تەربىيەلەش خاتا، بۇ خىل ئۇسۇل بالىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى چۈشىنىش ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.

      بالىغا «پارا» بەرمەسلىك

      بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «نەتىجەڭ ياخشى بولسا ياخشى نەرسە ئېلىپ بېرىمەن» دەپ ۋەدە بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل قاراشنى پۈتۈنلەي توغرا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بۇ بەزى بالىلارنىڭ بىرەر ئىشنى قىلىشتا سىرتقا يۈزلىنىشىدە بالىغا نىسبەتەن يامان تەسىر بېرىپ قويۇشى مۇمكىن.

      بالىلارنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىشنى چەكتىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك

      بالىلارنى قوغداش ۋە نازارەت قىلىش ھەربىر ئاتا – ئانىنىڭ مەسئۇلىيىتى، ئەمما چەكتىن ئېشىپ كەتسە بالىنىڭ ئۆز – ئۆزىنى چۈشىنىش ئېڭىنى، مۇستەقىللىق ئىقتىدارى يېتىلدۈرۈش ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

      بالىغا تىنماستىن كوتۇلدىماسلىق

ئاتا – ئانىلار بالىغا تولا كوتۇلدىغاندا ئۇلار ئۆزلىرىنى بىرەر ئىشنى چۈشىنىش ئىقتىدارى يوقتەك ھېس قىلىدۇ، دەرۋەقە بۇنداق ئەھۋال ئۇزاق داۋاملاشسا بالىدا بىزار بولۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بالىغا بىرەر ئىشنى تاپىلىغاندا مۇۋاپىق چۈشەندۈرسەك بالىنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش ئېڭى كۈچىيىدۇ.

      بالىنى ھەددىدىن زىيادە ئەركىن قويۇۋەتمەسلىك

      بالىنى بەك ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدۇ. بالا مەيلى بالدۇر مەيلى كېيىن بولسۇن، ئىشقىلىپ يېتىلىدۇ، جەمئىيەتكە چىقىدۇ، بۇ جەرياندا بەزىلىرىنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سىرتلاردا يۈزلىنىشى تەسكە توختايدۇ. شۇڭا، بۇ ئىشتا بالىلارنى بەك ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتكەندە بالىلارنىڭ ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنى تارتىۋالغان، قابىلىيەتلىك بولۇپ چىقىشىغا، مۇستەقىل، ئۆز – ئۆزىنى تەڭشىيەلەيدىغان بولۇپ چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلغان بولىمىز.

      بالىلارنى قالايمىقان قائىدە بويىچە باشقۇرماسلىق

      بەزى ئاتا – ئانىلار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلدا خالىغانچە قائىدە تۈزۈپ بالىلىرىنى باشقۇرىدۇ، بەزى ۋاقىتتا ئۆزى خالىغان ۋاسىتىلەردە بالىلىرىنى جازالايدۇ، بۇنداق قىلغاندا بالىلار قايمۇقۇپ قالىدۇ. بالىلار سىزنىڭ بىردەك بولۇشىڭىزغا موھتاج، شۇڭا بالىلارنى ئىشەنچلىك، بىر خىل قائىدە بويىچە تەربىيەلەش كېرەك.

      بالىلارنىڭ يېشىغا مۇۋاپىق بولمىغان قائىدىلەرنى بېكىتىۋالماسلىق

      بىر ياشلىق بالا بىلەن بەش ياشلىق بالىنى ئوخشاش قائىدە بويىچە باشقۇرۇش مۇمكىن بولمىغان ئىش. بۇنداق قىلسىڭىز سىز نائۈمىدتە قالىسىز، چۈنكى بالىنىڭ سىز چىقىرىۋالغان بەزى قائىدىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈش سەۋىيەسى يېتىلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ ئۆز – ئۆزىنى چۈشىنىش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

 

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تەھرىر: مېھراي