باش بەت | ئاڭلاپ قويۇڭ

زەيتۇن يېغىنى قانداق ئىستېمال قىلسا ئەڭ پايدىلىق

 

      زەيتۇن يېغىدا قورۇما قورۇش. زەيتۇن يېغىنىڭ قىزىش نۇقتىسى يۇقىرى بولۇپ، باشقا ئۆسۈملۈك يېغىنى قىزىتىش مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە تەركىبىدىكى خىمىيەلىك ماددا پارچىلىنىپ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىغا ئايلىنىدۇ، لېكىن زەيتۇن يېغىنى قانچە ئۇزاق قىزىتسا شۇنچە ياخشى. زەيتۇن يېغىدا تاماق ئەتكەندە، تەمى ئادەتتىكى ماينى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

      زەيتۇن يېغىدا قىيام ياكى باشقا تەم تەڭشىگۈچ ياسىغىلى بولىدۇ. زەيتۇن يېغى تەم تەڭشىگۈچنىڭ يېڭىلىقىنى ئۇزاققىچە ساقلايدۇ. ئالاھىدە قورۇما قورۇغاندا زەيتۇن يېغى ئارقىلىق قورۇمىنىڭ تەمىنى تەڭشىسىمۇ بولىدۇ.

      زەيتۇن يېغىنى يەنە تورت، پېچىنە –پىرەنىك، بولكا قاتارلىقلارغا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ.

 

مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئاينۇر