باش بەت | كىچىك قەلەمكەشلەر

باتۇر بالا بولغۇم بار

قەيسەر قۇربان

 

      قىش كۈنلىرىنىڭ ناھايىتى سوغوق بىر ئاخشىمى ئىدى. سىڭلىم ئىككىمىز ئاپام ئەتكەن مەززىلىك ئۈگرىنى ئىچىپ ئوچاق ئالدىدا دادام ئېيتىپ بەرگەن ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر›› چۆچىكىنى بېرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتۇق. دادام چۆچەك ئېيتىشقا بەك ئۇستا بولغاچقا ھەربىر ۋەقەلىكنى بايان قىلغاندا ئاتنىڭ كىشنىگەن، ئىتنىڭ قاۋىغان ئاۋازىنى ناھايىتى ئوخشىتىپ دورايتتى. ‹‹مەختۇمسۇلا ئاكىسىنى ساقلاپ، ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ ئولتۇرسا يەتتە باشلىق يالماۋۇز يەنە ئاستا ئىشىكنى چېكىپتۇ...››.

      تاك – تاك – تاك!

      – دادا، يالماۋۇز بىزنىڭ ئۆيگە كەلدىمۇ نېمە؟ – دېدى سىڭلىم قورقۇمسىراپ، – ئىشىكنى ئاچمايلى، بۇ كەچتە يالماۋۇز باشقا نەرسىلەرنىڭ سىياقىغا كىرىۋېلىپ قېنىمىزنى ئىچىۋالمىسۇن، بىچارە مەختۇمسۇلادەك.

      – قورقماڭ قىزىم، دۇنيادا نەدىمۇ ئالۋاستى، يالماۋۇز بولسۇن. يەتتە باشلىق يالماۋۇز چۆچەكلەردىلا بار. ئىشىكنى چەككەن چوقۇم قوشنىلار، – دېدى دادام.

      – دادا، ئاچمايلى، مەن قورقىمەن، – دېدى سىڭلىم.

      – قورقماڭ سىڭلىم، مەن چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسىنى قوغدىغاندەك سىزنى قوغدايمەن، – دېدىم. ئەمەلىيەتتە قورقۇپ تۇرساممۇ دادام دائىم مېنى ‹‹قورقۇنچاق›› دېگەچكە ئۇنىڭغا باتۇرلۇقۇمنى بىر كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇم.

      تاك – تاك – تاك!

      ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغا كەلدىم. يۈرىكىم ئەنسىز دۈپۈلدەپ كەتتى. سىرتتا قانداقتۇر بىر بەتبەشىرە ئىشىككە قۇلىقىنى يېقىپ تۇرغاندەك يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالدى. ئىشىكنى ئاستا ئاچتىم. ئىشىك ئالدىدا 11 ياشلاردىكى بىر ئوغۇل بالا سوغوقتا تىترەپ تۇراتتى. مەن ئۇنى ئۆيگە باشلاپ كىردىم. سىڭلىم قورقۇپ كەتكىنىدىن دادامغا چىڭ يېپىشىۋېلىپ:

      – دادا، ئۇ دېگەن ئالۋاستى، ئۇنى ئۆيگە كىرگۈزمەيلى، – دېدى.

      – قورقماڭ قىزىم. ئۇ يولدىن ئېزىپ قالغان بالا ئىكەن. ئالۋاستى بولغان تەقدىردىمۇ سىزنى قوغدايدىغان باتۇر ئاكىڭىز يېنىڭزدا بار، – دېدى دادام ماڭا كۆزىنى مەنىلىك قىسىپ.

      ئەسلىدە بۇ بالا يولدىن ئېزىپ قالغان بولۇپ سوغۇقتا قورسىقى ئېچىپ كېتىپ ئىشىكىمىزنى چەككەنكەن. شۇ كۈنى سىڭلىمنىڭ: ‹‹ئاكا، ئۇنىڭ بىلەن ئۇخلىما، كېچىدە سېنى يەۋېتىدۇ›› دېگەن سۆزىگە پەرۋا قىلماي بۇ بالا بىلەن بىللە ئۇخلىدىم. ئەتىسى دادام ئىككىمىز سۈرۈشتە قىلىپ ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇق. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى خۇشاللىقىدىن بىزگە قايتا – قايتا رەھمەت ئېيتتى. گەرچە بۈگۈن بىر ياخشى ئىش قىلغان بولساممۇ مېنى ئەڭ شادلاندۇرغىنى يەنىلا دادامنىڭ مېنى ‹‹باتۇر›› دەپ تەرىپلىگىنى بولدى. شۇ ئىشتىن كېيىن ھەممە ئىشتا جۈرئەتلىك بولىدىغان بولدۇم.

      (ئاپتور غۇلجا ناھىيەلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ تولۇقسىز 3 – يىللىق 1 – سىنىپتا)

 

 

مەنبە: ‹‹شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى›› گېزىتى تەھرىر: ئاينۇر