باش بەت | تۇرمۇش ساۋاتلىرى

كانىيىڭىز ئاغرىمىسا، سىلىقلاش دورىسى يېمەڭ

  ئەتىياز، كۈزنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆپىنچە ھاللاردا كاناي ئانچە – مۇنچە قىچىشىپ تۇرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا كاناي سىلىقلاش دورىسى يېگەندە ئادەمگە راھەت تۇيۇلىدۇ. بەزىلەر بۇ دورىنى كەمپۈت ئورنىدا يەيدۇ، لېكىن بۇ سالامەتلىككە زىيانلىق.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كاناي سىلىقلاش دورىسىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا يود بار بولۇپ، ئۇنىڭ ۋىرۇسلارنى ئۆلتۈرۈش رولى بار. ئۇنى داۋاملىق شۈمىگەندە، بولۇپمۇ ئېغىزدا ھېچقانداق ياللۇغلىنىش ۋە كاناي ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن ئەھۋالدا شۈمىگەندە، ئېغىز بوشلۇقى شىلىمشىق پەردە توقۇلمىسنى كۈچلۈك غىدىقلاپ، پايدىسىز ۋىرۇسلارنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياللۇغ ھەم كېسەللىكنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. بولۇپمۇ بالىلارغا نىسبەتەن بۇ خىلدىكى دورىنى شۈمگۈزۈشنىڭ خەتىرى تېخىمۇ زور.

  كاناي قۇرۇشقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاسان ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى پات –پات قايناق سۇ ئىچىپ بېرىش.

 

 

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى تەھرىر: ئاينۇر