باش بەت | ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار

بۈگۈر ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوبلاست دەرىجىلىك ‹‹ئۈلگىلىك دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە بازىسى›› ۋىۋىسكىسى ئېسىلدى

      2013 - يىل 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى سائەت 10دا بۈگۈر ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇ مەكتەپكە ئوبلاست دەرىجىلىك ‹‹ئۈلگىلىك دۆلەت مۇداپىئە تەربىيە بازىسى›› ۋىۋىسكىسىنى ئېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، مۇراسىمغا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جەنگاڭ، بۈگۈردە تۇرۇشلۇق مەلۇم قىسىم رەھبەرلىرى، بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەر، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرىدىن بولۇپ 3700دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

 

سۈرەتتە: ۋىۋىسكا ئېسىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر.

ھەسەن ئانايەت خەۋىرى، فوتوسى

 

مەنبە: ئۆسمۈرلەر تورى تەھرىر: رەيھانگۈل