باش بەت | كىچىك دورا ساندۇقى

قارا رەڭلىك مېۋىلەرنىڭ شىپالىق رولى

      قارا ئۈجمە: تەركىبىدە كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتاسى، ۋىتامىن، ئورگانىك كىسلاتا، كاروتىن قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش، قان پەيدا قىلىدىغان قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قان تومۇر ۋە ئۇستىخان بوغۇمىنڭ قېتىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق رولى بار.

      قارا ئۆرۈك: تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئورگانىك كىسلاتا بار بولۇپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى زەھەرلىك كېسەللىك مىكروبىنى ئۆلتۈرىدۇ.

      قارا ئۈزۈم: تەركىبىدە كۆپلىگەن مىنېرال ماددا، ئاقسىل ماددىسى(پروتېئىن)، فوسفور، تۆمۈر ۋە ۋىتامىنلار بار بولۇپ، دائىم قارا ئۈزۈم يەپ بەرسە نېرۋا ئاجىزلىق، ھەددىدىن زىيادە چارچاشنى تۈگىتىشكە پايدىلىق.

      قاراقات: تەركىبىدە كۆپلىگەن فوسفور، ماگنىي، كالىي، پروتېئىن(ئاقسىل ماددىسى)، سىئانىدىن، فىنول قاتارلىق ماددىلار بار بولۇپ، بۇ يەللىك بوغۇم، كەم قانلىق، سۇلۇق ئىششىق، رېماتىزم قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا شىپالىق رولى بار.

 

مەنبە: ‹‹تەربىيەچى›› ژۇرنىلى تەھرىر: ئىلمىنۇر